كرىستىيانو رونالدو چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 36 كوماندىغا توپ كىرگۈزدى
بېيجىڭ ۋاقتى 15-سېنتەبىر سەھەردە ئوينالغان 2021/2022 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا كرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا كرىستىيانو رونالدو ھازىرغا قەدەر ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە 36 كوماندىغا توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە مېسسى بىلەن تەڭلىشىپ، بۇ تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
يۇقارقىلاردىن باشقا نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تورى «opta» تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو 30 ياشقا كىرگەندىن بۇيان ھازىرغىچە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 68 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 63 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ھەرقانداق 30 ياش ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىغان توپچىلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 35 توپنى ئارتۇق كىرگۈزگەن.