ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كاكا: بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە پارىژ سانت گېرمان ئەڭ كۈچلۈك

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 10:27


2021/2022 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى رەسمىي باشلاندى. سابىق بىرازىلىيە توپچىسى شۇنداقلا «قوش شاھ»تىن بۇرۇن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كاكا يېقىندا «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە پارىژ سانت گېرماننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلاردا مېسسى، نېيمار، مباپپېدىن تۈزۈلگەن «ئۈچ ئۇچلۇق ھۇجۇم نەيزىسى» يەنى «MMN ھۇجۇم گۇرۇپپىسى» بارلىقىنى بىلدۈردى.

كاكا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گەرچە مەن مانچېستېر شەھىرى بىلەن چېلسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ناھايىتى كۈچلۈك دەپ قارىساممۇ، لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا يەنىلا پارىژ سانت گېرمان، چۈنكى ئۇلاردا MMN ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بار.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كاكا: بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە پارىژ سانت گېرمان ئەڭ كۈچلۈك

2021/2022 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى رەسمىي باشلاندى.