ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېنزېمانىڭ بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى بارسېلونادىكى بارلىق توپچىلار كىرگۈزگەن توپ سانى بىلەن تەڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 16:06

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد 1:6 نەتىجىدە مالوركانى مەغلۇپ قىلدى، بېنزېما بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى ياردەمچى پاس چىقاردى. بېنزېما بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بۇيان سەككىز توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى بارسېلونادىكى بارلىق توپچىلارنىڭ بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى بىلەن تەڭ، بۇنىڭدىن باشقا، خانلىق مادرىدتىن باشقا پەقەت ئۈچ كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانىلا بېنزېما كىرگۈزگەن توپ سانىدىن كۆپ.

بېنزېما بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزۈپ يەتتە ياردەمچى پاس چىقىرىپ، تۆت ئايلانمىدا سەككىز توپ كىرگۈزۈپ بارسېلونانىڭ توپ سانى بىلەن تەڭلەشتى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە خانلىق مادرىدتىن باشقا پەقەت ئۈچ كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانىلا بېنزېما كىرگۈزگەن توپ سانىدىن كۆپ، يەنى ۋالېنسىيە (11 توپ)، ۋاللېكانو (10 توپ) ۋە مادرىد ئاتلېتكا (توققۇز توپ) قاتارلىقلار.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېنزېمانىڭ بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى بارسېلونادىكى بارلىق توپچىلار كىرگۈزگەن توپ سانى بىلەن تەڭ

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد 1:6 نەتىجىدە مالوركانى مەغلۇپ قىلدى