ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خانلىق مادرىد كوماندا تارىخىدىكى بىر تۈرلۈك قالتىس رېكورت بىلەن تەڭلەشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 16:09

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد 1:6 نەتىجىدە مالوركانى مەغلۇپ قىلدى، ھازىرغا قەدەر خانلىق مادرىد ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇدا 24 مەيدان مەغلۇپ بولماي، كوماندىنىڭ بۇ ئەسىرىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى.

خانلىق مادرىد 1:6 نەتىجىدە مالوركانى مەغلۇپ قىلدى، ھازىرغا قەدەر خانلىق مادرىد ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇدا 24 مەيدان مەغلۇپ بولمىدى، بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ 18 مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ ئالتە مەيدانىدا تەڭلەشتى، بۇ پەسىلدىكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ بەش مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ بىر مەيدانىدا تەڭلەشتى. خانلىق مادرىدنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە مەغلۇپ بولغان ۋاقتى ئالدىنقى پەسىلدىكى 21-ئايلانما مۇسابىقە، ئەينى ۋاقىتتا ساھىبخان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە لېۋانتقا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، خانلىق مادرىد بۇ قېتىم 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مورىنھو يېتەكلىگەن ۋاقىتتىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، خانلىق مادرىد تارىخىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇدا مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتى 28 مەيدان، بۇنى زىدانى يېتەكلىگەن كوماندا 1016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياراتقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خانلىق مادرىد كوماندا تارىخىدىكى بىر تۈرلۈك قالتىس رېكورت بىلەن تەڭلەشتى

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد 1:6 نەتىجىدە مالوركانى مەغلۇپ قىلدى،