كرىستىيانو رونالدو ۋىللارېئال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشسە، يېڭى بىر تۈرلۈك رېكورتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ
بېيجىڭ ۋاقتى 30-سېنتەبىر سەھەر سائەت 3:00تە مانچېستېر بىرلەشمىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ۋىللارېئال بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. كرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشسا كاسىللاس ساقلاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن ئۈمىد بار.
كرىستىيانو رونالدو چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى ياشلار كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە كاسىللاس ساقلاپ كەلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشۈش (177 مەيدان) رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەنىدى. ئەگەر كرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشسە كاسىللاسنىڭ بۇ تۈرلۈك رېكورتىنى بۇزۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشكەن توپچى بولۇپ قالىدۇ.