ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دولورېس: رونالدو توپ تەپمىگەن بولسا خىش زاۋۇتىدا ئىشچى بولاتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 15:22

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كرىستىيانو رونالدونىڭ ئاپىسى دولورېس ئاۋېيرو پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسى (لىسبون رىقابەت)نىڭ زىيارىتىگە قاتناشقاندا ئوغلىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى، بۇ مەستانىلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان رونالدونى ھېس قىلدۇردى.

رونالدو مەن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىگە قايتىدۇ

ئاۋېيرو ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ھەققىدە توختىلىپ، ئوغلىنىڭ يەنە بىر قېتىم پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىنىڭ كىيىمىنى كىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ئۇ چوقۇم پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىگە قايتىپ كېلىشى كېرەك، مەن ئۇنىڭغا مەن ئۆلۈشتىن بۇرۇن بۇ پەيتنى كۆرگۈم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇ ماڭا ‹قاراپ باقايلى› دېدى»، قارىماققا رونالدونىڭ جاۋابى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئۇ ئوغلىنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا يول قويۇپ: «ئەگەر ئۇ كەلمىسە ئۇنداقتا كرىستىيانھو (رونالدونىڭ ئوغلى) پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدە توپ تەپسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ئوخشاش ياشتىكى دادىسىدىن ياخشى، نېمىلا دېگەن بىلەن رونالدونىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېتەكچىسى يوق ئىدى، بىراق رونالدو ھازىر ئوغلىنىڭ يېتەكچىسى» دېگەن.

«مەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىنىڭ ئانىسى»

ئوغلى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، ئاۋېيرو مەغرۇرلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ ئانىسى» ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئانا» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى يىلى كرىستىيانو رونالدو تۇنجى قېتىم پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسىگە ۋاكالىتەن مورېلېنسې بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئاۋېيرو ھوشىدىن كەتكەن، «ئۇ مەشىق ۋە مۇسابىقىلەردە يارىلىنىدۇ، مەنمۇ شۇنداق. ئۇ تۇنجى قېتىم ئالۋالادا تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋاقىتدا ھوشۇمدىن كەتكەن، مەن يەنە ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ ھوشىدىن كەتكەن، ئۇ 2004-يىلىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ نۇرلۇق توپ مەيدانىدا گرېتسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسى ئىدى». ئوغلىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا، ئاۋېيرونىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتى رونالدودىن قېلىشمايدۇ، «مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن! ئەگەر مېنى تاماققا تەكلىپ قىلسىڭىز، مەن مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قېلىشىم مۇمكىن، مۇسابىقە مەيدانىدا رونالدو بولمىسىمۇ مۇسابىقە كۆرىمەن.»

«رونالدو چاقچاق سەۋەبىدىن پۇتبول بىلەن خوشلاشقىلى تاس قالغان»

ئاۋېيرو زىيارەت ۋاقتىدا رونالدونىڭ ئەينى يىلى پۇتبولدىن ۋاز كەچكىلى تاس قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى: «ئۇ بىر قىسىم ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلغان، ئۇ چاقچاق قىلىپ سەپداشلىرىنىڭ قېتىقىنى ئوغرىلاپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ توپ تېپىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن مەن ئۇنىڭغا كوماندىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇنى چۈشىنىشىنى ئېيتقان». ئاۋېيرو بالىلارنىڭ ئاچ قالماسلىقى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن: «مەن ياش ۋاقتىمدا قولدا سېۋەت ياسايتىم. 20 ياش ۋاقتىمدا تۇنجى بالامنى تۇغدۇم، رونالدو تۆتىنچى بالام، ئۇ تۇغۇلغاندا مەن 30 ياشقا كىرگەن، مېنىڭ ئاتا-ئانام توغرىسىدا گۈزەل ئەسلىمىلىرىم يوق، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ دائىم ئىشلەپ پۇل تېپىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى، ھەر كۈنى خىزمەت، خىزمەت ۋە خىزمەت قىللا دەيتتى.»

رونالدونىڭ ئاپىسىغا بولغان ۋاپادارلىقى ئۇنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب، ئۇ: «ئاپا، ئەنسىرىمەڭ، مەن چوقۇم تىرىشىمەن، سىزگە ئۆي ۋە ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن» دېگەن. ئاۋېيرو بۇ توغرىسىدا: « مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بەرگۈم بار بولسىمۇ، ئەمما مەندە بۇنداق ئىقتىدارلار يوق ئىدى. ئۇ داڭلىق ماركىلىق ئىشتان كىيىشنى ئۈمىد قىلاتتى، بىراق مەن ئېلىپ بېرەلمەيتتىم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى قايغۇرغان، ئەمما مېنىڭ قىلالايدىغىنىم ئۇلارنىڭ تامىقىنى كەم قىلماسلىق، بۇ ئەڭ مۇھىم ئىش» دېگەن. 2020-يىللىق ئانىلار بايرىمىدا ئاۋېيرو بېنز ماركىلىق ماشىنا تاپشۇرۇۋالغان، بۇ رونالدونىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغىتى ئىدى.

«ئەگەر پۇتبول بولمىغان بولمىسا رونالدو خىش زاۋۇتىدا ئىشچى بولاتتى»

شۇنىس ئېنىقكى، دولورېسقا ئوخشاش ياخشى ئانا بولغاچقا رونالدو دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار قاتارىغا كىرەلىگەن. گەرچە ئۇ ھەمىشە توردا ئوغلى ئۈچۈن سۆز قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا رېئاللىقتىكى كونا ئۇسلۇبنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ توغرىسىدا دولورېس مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇ پۇتبول ئوينىمىسا، پەقەت خىش زاۋۇتىدا ئىشچى بولاتتى، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئىشچى بولالمايتتى.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دولورېس: رونالدو توپ تەپمىگەن بولسا خىش زاۋۇتىدا ئىشچى بولاتتى

«رونالدو چاقچاق سەۋەبىدىن پۇتبول بىلەن خوشلاشقىلى تاس قالغان»