چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئورگان تورى: پەقەت 20 كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى رونالدونىڭكىدىن كۆپ
بېيجىڭ ۋاقتى 24-نويابىر سەھەر سائەت 01:45تە ئوينالغان 2021/2022 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە ۋىللارېئالنى مەغلۇپ قىلدى، داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ بىر توپ كىرگۈزدى.
بۇ توپ بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 140قا يەتتى، مۇسابىقىدىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا پەقەت 20 كوماندىنىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ كىرىستىيانو رونالدو ئۆزى يالغۇز كىرگۈزگەن توپ سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.