رونالدو ئىلگىرى سىمونې ئۈچۈن توپ تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
كىرىستىيانو رونالدو ئىلگىرى مادرىد ئاتلېتكا ترېنېرى سىمونېنىڭ شەخسىي ھۆججەتلىك فىلىمى «سىمونې، مەيدان ئاتلاش مۇسابىقىسى»دە نامايەن بولغان ھەمدە فىلىم جەريانىدا سىمونېغا ئوخشاش جاسارەتلىك كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رونالدو مۇنداق دېگەن:«مەن بىر كوماندا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، ئادەتتە بۇ كوماندىنىڭ ترېنېرىغا پەرۋا قىلمايمەن. لېكىن مادرىد ئاتلېتكا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە مادرىد ئاتلېتكىنىڭ توپچىلىرىنى كۆرسىڭىز ئوخشاشلا سىمونېنى كۆرىسىز. ئۇ بەك جاسارەتلىك، مەن بۇنداق ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن.»
بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 2022-يىلى 1-ئايدا تورغا چىقىرىلغان بولۇپ، فىلىمدە ئاساسلىقى مادرىد ئاتلېتكا ترېنېرىنىڭ «كىرلىكلەر قوشۇنىغا» ترېنېرلىق قىلغان ئون يىلدىن بۇيانقى تۇرمۇش ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
يېقىندا رونالدو بىلەن مادرىد ئاتلېتكىنىڭ يۆتكىلىش خەۋىرى تارقالدى. بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ۋە رەسمىي تەكلىپ يوق ئىكەن.