ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىزباسارىنى كەتكۈزۈپ قويىدىغان بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 09:40

«مانچېستېر كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئىلگىرى راڭنىكنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئېنكۇنكۇ بىلەن توختام ئىمزالىمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ رونالدونىڭ مۇكەممەل ئورنىنى ئالالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 11-ئايلانمىسىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە نېۋكاستل بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، بۇمۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزەلمەسلىكى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم 0:4 نەتىجىدە برېنتفوردقا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

نېۋكاستىل بىلەن بولغان مۇسابىقىمۇ رونالدونىڭ بۇ پەسىل بىرلەشمىدە ئىككىنچى قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇشى بولۇپ، بۇ پەسىل ئۇ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە پەقەت بىر قېتىملا ئاساسلىق ئەزا بولغان ۋە بىرلا توپ كىرگۈزگەن، ئېۋېرتون بىلەن بولغان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ بىر توپ كىرگۈزگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ باشقا ھۇجۇمچىلىرىمۇ ئالدى مەيداندىكى ھۇجۇم كۈچىنى ياخشى ساقلاپ قالالمىغان، راشفورد ئىزچىل ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، مارشال بولسا ئىزچىل يارىدار ھالەتتە تۇرماقتا.

يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە، پەقەت بىر توپنىلا ئاساسلىق ئەزا بولغان توپچى كىرگۈزگەن، ئۇ بولسىمۇ ئانتونىينىڭ گودىسون باغچىسى توپ مەيدانىدا كىرگۈزگەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن توپى، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ھازىر ئىشەنچلىك ھۇجۇمچى كەمچىل، بۇ مەسىلە مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تېنخاگنىڭ ھازىرقى تاكتىكىسى ۋە سىستېمىسىدىن قارىغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە راڭنىكنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇ بولسىمۇ لېيپزىگدىن ئېنكۇنكۇنى ئېلىپ كېلىش.

ئالدىنقى پەسىل ئېنكۇنكۇ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 35 توپ كىرگۈزۈپ، 20 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، بۇ ئۇنىڭ پات ئارىدا ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پەسىل ھازىرغىچە، 24 ياشلىق ئېنكۇنكۇ 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 10 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ رونالدودىن 13 ياش كىچىك، سۈرئىتى ۋە بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى، ئۇ ئەسلىدە تېنخاگنىڭ كوماندىسىغا ماس كېلىدىغان ھۇجۇمچى ئىدى.

بۇ يىل يازدا ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كۇلۇبلار بىلەن باغلىنىپ قالغان، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا لېيپزىگ بىلەن يېڭى توختام ئىمزالىغان، يېقىندا كۆپلىگەن تاراتقۇلار ئېنكۇنكۇنىڭ كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدە چېلسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ھازىر قارىغاندا، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئىنكۇنكۇنى قوشۇۋالىدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇ پات ئارىدا چېلسىنىڭ يېڭى توپچىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىزباسارىنى كەتكۈزۈپ قويىدىغان بولدى

«مانچېستېر كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئىلگىرى راڭنىكنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئېنكۇنكۇ بىلەن توختام ئىمزالىمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ رونالدونىڭ مۇكەممەل ئورنىنى ئالالمىغان بولۇشى مۇمكىن.