بارسېلونا بۇ قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچى
«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونا بۇ قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبە ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا بارسېلونادىن جەمئىي ئۈچ توپچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كۇلۇب ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە لېۋاندوۋىسكى گېرد مۇللېر مۇكاپاتىغا، گاۋى كېپا مۇكاپاتىغا، پۇتلياس ئاياللار ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خانلىق مادرىد ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئىككى توپچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بېنزېما ئەرلەر ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا، كۇرتۇۋا ياشىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.