مودرىچ بېنزېمانى تەبرىكلىدى: دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى
مودرىچ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىغا بېنزېما بىلەن بىرگە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كۆتۈرۈپ چۈشكەن سۈرىتىنى يوللىدى ھەمدە ئۇنى تەبرىكلىدى.
تۈنۈگۈن، بېنزېما ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۈگۈن، 2018-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مودرىچ بېنزېما بىلەن بىرگە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كۆتۈرگەن سۈرىتىنى يوللاپ مۇنداق دەپ يازدى: «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى! دوستۇم، سىزنىڭ يېنىڭىزدا توپ تەپكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.» مودرىچ بىلەن بېنزېما ئۆتكەن 15 يىلدا مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدودىن باشقا بىردىنبىر ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى توپچى بولۇپ، ئۇلار ھازىر خانلىق مادرىدتا.