ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

داننىي: رونالدو 1-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن كېتىشى كېرەك

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 16:56

لىۋېرپول چولپىنى داننىي مۇرفىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 37 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىغان بولۇپ، ئۇ 1-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىشى كېرەك ئىكەن.

مۇرفى تاراتقۇلارنىڭ رىياسەتچىسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە رونالدو ھەققىدە توختىلىپ:«ئۇنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا كەيپىياتىنى بىلدۈرۈشكە رۇخسەت قىلىندى، مانا بۇ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ! مېنىڭچە باش تېرىنىر ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن رونالدو بىلەن سىردىشىشى كېرەك. ئۇنىڭغا <بۈگۈن سېنى ئاساسلىق ئەزا قىلاي دېدىم، مەنمۇ سېنى 70 مىنۇتتا مەيداندىن چۈشۈرىۋېتىشىم مۇمكىن، لېكىن مەن سېنىڭ مەيداندىن چۈشكەندە ناچار كەيپىياتتا ئىنكاس قايتۇرىشىڭنى كۆرۈشنى خالىمايمەن، بۇ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق>. ئەگەر رونالدو مەيداندىن چۈشكەندە يەنىلا شۇنداق قىلسا، ئۇنى تەنقىدلەش كېرەك.»

ئۇ يەنە تولۇقلاپ:«سىز چوقۇم مانچېستىر بىرلەشمىسىدەك كۇلۇبتا ھەممە ئادەم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزامنى ئورنىتىشىڭىز كېرەك. مەن ئاۋبامېياڭ بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرمايمەن، ئۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، لېكىن ئاۋبامېياڭ ئەينى ۋاقىتتا ئارسېنالدىمۇ داڭلىق توپچى ئىدى، كېيىن ئارتېتا ئۇنىڭغا قايتا-قايتا پۇرسەت بەردى، ھازىر ئۇ كەتتى، ھەممە ئىشلار ياخشى. ھازىر، رونالدو 1-ئايدا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئايرىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك، بۇ ئۆزىگە باغلىق. بىراق ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىدەك كۇلۇبتا توپ تېپىدىغانلا بولسا، تېنخاگ چوقۇم ئۇنى كونترول قىلىشى كېرەك، لېكىن ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدۇ» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

داننىي: رونالدو 1-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن كېتىشى كېرەك

لىۋېرپول چولپىنى داننىي مۇرفىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 37 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىغان بولۇپ، ئۇ 1-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىشى كېرەك ئىكەن.