پۇتبول دۇنياسىدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن توپچىلار سەپ شەكلى
بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە، «فىرانسىيە پۇتبولى» بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزېما بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. گېرمانىيەدىكى داڭلىق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «يۆتكىلىش بازىرى» پۇتبول دۇنياسى تارىخىدىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن توپچىلار سەپ شەكلىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو بۇ سەپ شەكلىگە كىرگەن. بۇ سەپ شەكلىدىكى توپچىلار جەمئىي 28 قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«يۆتكىلىش بازىرى» باھالاپ چىققان پۇتبول دۇنياسىدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن توپچىلار سەپ شەكلى:
قاپقىچى: ياشىن (1 قېتىم، سوۋېت ئىتتىپاقى)
مۇداپىئەچىلەر : ساممېر (1 قېتىم، گېرمانىيە)، بېكېنباۋېر (2 قېتىم، گېرمانىيە)، كاناۋارو (1 قېتىم، ئىتالىيە)
ئوتتۇرا مەيدان: پلاتىنى (ئۈچ قېتىم، فىرانسىيە)، ماتېئۇس (بىر قېتىم، گېرمانىيە)، زىدانى (بىر قېتىم، فىرانسىيە)
ھۇجۇمچىلار: مېسسى (7 قېتىم، ئارگېنتىنا)، كرۇيىف (3 قېتىم، گوللاندىيە)، ۋان باستېن (3 قېتىم، گوللاندىيە)، رونالدو (5 قېتىم، پورتۇگالىيە)