ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

داڭلىق توپچى: رونالدو ئالماشتۇرۇلسا نارازى بولىدۇ، لېكىن مېسسى ئۇنداق قىلمايدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-20 09:33

10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى نيۋكاستېل كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى، رونالدو ئالماشتۇرۇلغاندا بېشىنى چايقاپ بىرخىل نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئېنگىلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق توپچى ئاباڭ راخو بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ئەگەر رونالدونىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىسا، مانچېستىر بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقالايدىغان نۇرغۇن توپچىلار بار، مەسىلەن ئىلانگا ۋە راشفورد. مەن پارىژ سانت گېرماننىڭ نۇرغۇن مۇسابىقىلىرىنى كۆردۈم، مېسسى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئالماشتۇرۇلىدۇ، لېكىن ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئۇ مەيداندىن چۈشۈپ، باش تىرېنېر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، ئاندىن زاپاس ئەزالار ئورۇندۇقىدا ئولتۇرىدۇ. لېكىن رونالدو ئۇدۇللا كېتىپ قالدى ھەمدە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىدىن خۇشال ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ باش تىرېنېرغا نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس. باش تىرېنېر ئۇنىڭ: <بولىدۇ، تىرېنېر قارار چىقىرىپ بولدى، مەن خۇشال ئەمەس، لېكىن مەن مەيداندىن چۈشۈپ كېتىمەن، سەل تۇرۇپ ئۇنىڭ بولغان ئىشلارنى پاراڭلىشىمەن> دېيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. رونالدونىڭ قىلمىشى چوقۇم باش تىرېنېرنى تەڭقىسلىقتا قويىدۇ. رونالدو ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان توپچى، ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچىلارنىڭ بىرى. لېكىن مېنىڭچە، ئۇ مۇشۇنداق ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.»

中央广播电视总台 央广网 版权所有