رونالدو بۇ قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا 18 بېلەتكە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا 6 توپچى بىرمۇ بېلەتكە ئېرىشەلمىدى
«فىرانسىيە پۇتبولى» ھازىرغىچە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچىلارنىڭ كونكىرت بېلەت سانىنى ئاشكارلىمىدى، باھالىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش ئەھۋالىنىمۇ ئاشكارلىمىدى. بىراق بىر قىسىم بېلەت تاشلاش ئەھۋالى باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.
«مانچېستېر كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدو 2022-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بېلەت تاشلاشتا 18 بېلەتكە ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 20-ئورۇنغا تىزىلىشىغا سەۋەب بولغان.
بۇ گېزىتنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئالتە توپچى ھېچقانداق بېلەت سانىغا ئېرىشەلمىگەن، بۇ ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرىدا 25-ئورۇندا تەڭلەشتۈرگەن. بۇ ئالتە توپچى بولسا رۇدىگېر، مېنىئاڭ، كىممىچ، كانسېلو، ئېنكۇنكۇ، نۇنېس قاتارلىقلار ئىكەن.
رونالدو ئۇدا 18 يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىگە كىردى، لېكىن بۇمۇ ئۇنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتىغا كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رەت تەرتىپى بولۇپ، 2005-يىلىدىكى رەت تەرتىپى بىلەن تەڭلەشكەن.