ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭدۇڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 12:12

  بېيجىڭ ۋاقتى 20-مارت، دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 45-ئايلانمىسىدا، گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 127 دە 101 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى.

  گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن شۈ جيې 11 نومۇرغا ئېرىشكەندىن سىرت، گاردىن قايتقان بەش توپنى تۇتۇۋالدى، توققۇز قېتىم پاس بەردى، ئۈچ قېتىم قارشى تەرەپتىن توپنى تارتىۋالدى. جوۋ چى 21 نومۇرغا ئېرىشكەندىن سىرت، گاردىن قايتقان سەككىز توپنى تۇتۇۋالدى.

  شەندۇڭ كوماندىسىدىن چېن پېيدۇڭ 21 نومۇرغا ئېرىشتى، گاۋ شىيەن 15 نومۇرغا ئېرىشكەندىن سىرت، ئالتە قېتىم پاس بەردى، ئىككى قېتىم قارشى تەرەپتىن توپنى تارتىۋالدى.

  تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇاڭدۇڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى

بېيجىڭ ۋاقتى 20-مارت، دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 45-ئايلانمىسىدا، گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 127 دە 101 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى