چېن شۈيۈەنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى
2024-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى چېن شۈيۈەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار چېن شۈيۈەنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ پارا ئالغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى