بۇ ئىككى كوماندا تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىردى
بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كۇلۇبلار ئارا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچرىشىشىدا، دورتموند كوماندىسى ساھىبخان كوماندا سۈپىتىدە 4 دە 2 نەتىجە بىلەن مادرىد رىقابەت كوماندىسىنى يەڭدى. نەتىجىدە، دورتموند كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە 5 دە 4 نەتىجە بىلەن مادرىد رىقابەت كوماندىسىنى يېڭىپ، ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، بارسلونا كوماندىسى ساھىبخان كوماندا سۈپىتىدە 1 دە 4 نەتىجە بىلەن پارىژ ساينىت گېرمان كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. نەتىجىدە، پارىژ ساينىت گېرمان كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە 6 دە 4 نەتىجە بىلەن بارسلونا كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
ئەمدىلىكتە، دورتموند كوماندىسى بىلەن پارىژ ساينىت گېرمان كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى