خانلىق مادرىد كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭىدە يەڭدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 15:12
بېيجىڭ ۋاقتى 18-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كۇلۇبلار ئارا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچرىشىشىدا، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ساھىبخان كوماندا سۈپىتىدە 1 دە 1 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. ئىككى كوماندىنىڭ ئىككى ئۇچرىشىشتىكى نەتىجىسى تەڭلىشىپ قالغاچقا، نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق نەتىجە بەلگىلەندى. نەتىجىدە، خانلىق مادرىد كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە 8 دە 7 نەتىجە بىلەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى ساھىبخان كوماندا سۈپىتىدە 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ئارسېنال كوماندىسىنى يەڭدى. نەتىجىدە، بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە 3 دە 2 نەتىجە بىلەن ئارسېنال كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
ئەمدىلىكتە، خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى