لياۋنىڭ كوماندىسى چېمپىيون بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى| يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-23 10:25
بېيجىڭ ۋاقتى 22-ماي كەچقۇرۇن، 2023-2024-يىللىق مۇسابىقە پەسلى CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4-مەيدان مۇسابىقىسىدە، لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈرۈمچىدە 104 دە 95 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئۇدا 3-نۆۋەت چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى