جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بۇ يىللىق دۇنيا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 15-ئىيۇن كەچتە بىر مەيدان غەلىبە بىلەن شياڭگاڭ خۇڭكەن تەنتەربىيە سارىيىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. جۇڭگو كوماندىسى ئالدىدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەھۋالدا، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق مەيداندا كۆپ قېتىم قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى مۇداپىئەدە تۇرۇپ، ئاخىرىدا دۇنيادىكى رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيە كوماندىسىنى ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن يېڭىپ، دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگو شياڭگاڭ بېكىتىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلدى شۇنداقلا بۇ يىللىق دۇنيا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت