ئېلىمىز ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسى تەييارلىقنى پۇختا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-19 15:32
دۆلەت ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىنىڭ مەشىق سارىيىغا كىرگىنىڭىزدە، بۇ يەردىكى كەيپىيات سىزگە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى جىددىيلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ. پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى باشلىنىدىغانغا ئاز قالغاندا، تەنھەرىكەتچىلەر بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرىسىنى تاماملىدى. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئالتە ماھىرنىڭ مەشىق ھالىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرلىرىنىڭ نىشانى ئېنىق بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشكە تىرىشماقتا.