ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز تارىخىدىكى تۇنجى ئولىمپىك چېمپىيونى شۈ خەيفېڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-29 16:04

«بۈگۈن مىلتىق بەكرەك تەۋرەندى، بۇنى ھېس قىلىپ تۇردۇم، ئاندىن تەپكىنى بېسىپ، بۇ خىل ھالەتنى ئوڭشىۋالدىم» بۇ، ئېلىمىز تارىخىدا تۇنجى ئولىمپىك چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن شۈ خەيفېڭنىڭ 1984-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى يازغان كۈندىلىك خاتىرىسى. 1984-يىلى يازدا لوس-ئانژېلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى شۈ خەيفېڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 100 يىلغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ چېمپىيونلۇق سەھنىسىگە چىقىش پەيتىنى كۈتۈۋالدى. شۇ چاغدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سامارانچ مۇكاپات تارقاتقاندا، شۈ خەيفېڭگە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن جۇڭگو تەنتەربىيە تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر كۈن. مەن بۇ ئالتۇن مېدالنى ئۆز قولۇم بىلەن جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ بوينىغا ئاسالىغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن».

شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتى ھازىرغىچە شۈ خەيفېڭنىڭ ئېسىدە. يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىلىك قارىغا ئېتىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە پائالىيەتكە قاتناشقان شۈ خەيفېڭ ئەينى يىلى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن دەقىقىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئىككى گۇرۇپپا مۇسابىقىدە بىر قەدەر ئەركىن مۇسابىقىلەشتىم، نەتىجەممۇ سەل ياخشى بولدى، ئۈچىنچى گۇرۇپپا مۇسابىقىدە نەتىجەم ئارانلا سەككىز ھالقا بولدى، ھەرىكىتىمدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، سىرتقا چىقىپ بىردەم ئولتۇردۇم». تەخمىنەن 20 مىنۇت دەم ئالغاندىن كېيىن، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن شۈ خەيفېڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شەكىلسىز بېسىم ئاستىدا، ئۇ بىر نەچچە پاي ئوقنى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئاتالمىدى. ئۇ بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. «جان تىكىپ ئېلىشىش، كەيپىياتنى ياخشى كونترول قىلىش»، ئۇ پىسخىكىسىنى تەڭشەپ، تېخىمۇ ياخشى كەيپىياتتا مۇسابىقىنى ياخشى تاماملىدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۈ خەيفېڭنى قىزغىن تاماشىبىنلار ئورۇۋېلىشتى، بەزىلەر سۈرەتكە چۈشتى، بەزىلەر تەبرىكلىدى. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئىدى. ئۇ چاغلاردا مۇسابىقە نەتىجىسى ھازىرقىدەك چوڭ ئېكراندا ۋاقتىدا كۆرۈنمەيتتى، قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە توغرا كېلەتتى. يېرىم سائەت ساقلاش ئارقىلىق، شۈ خەيفېڭ ئاخىرى رېپىرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. «دەل شۇ چاغدا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى، مەن ئاخىرى پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى تاماملىدىم». شۈ خەيفېڭ بۇ كەچۈرمىشنى شۇ كۈندىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يېزىپ قويغانىدى، ئۇ، بۇ خاتىرىسىنى ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مۇزېيىغا ئىئانە قىلدى.

مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شۇ كۈندىكى كۈندىلىك خاتىرىدە يەنە شۈ خەيفېڭ قولدا سىزغان ھەر بىر پاي ئوق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سۈرىتىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بۇنى ئۇ مۇسابىقىدە ئادەم تەكلىپ قىلىپ خاتىرىلىۋالغان، مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى پوچېركىسى، نەقىشلىرىنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە كۆچۈرۈپ يېزىپ قويغان. ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى چۇ يىڭلۇڭ مۇنداق دېدى: «شۈ خەيفېڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتى بار، مۇزېيدا ئۇنىڭ تەنھەرىكەتچى مەزگىلى، تىرېنېر مەزگىلى، تەنتەربىيە باشقۇرۇش مەركىزى مەزگىلىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى ساقلانغان».

ئۇچۇر ئىزدەش قولايسىز يىللاردا، شۈ خەيفېڭ ئۆلكىلىك كوماندىغا كىرىپ مەشىق قىلغاندىن كېيىن، قارىغا ئېتىشنىڭ مەملىكەتلىك رېكورتى، دۇنيا رېكورتىنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە كۆچۈرۈپ يازدى. ئۇنىڭ ئولىمپىك چېمپىيونى بولۇشىدا تۇغما ئامىل، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، يەنە مۇستەھكەم نىشانى بار. خۇددى شۈ خەيفېڭ 1979-يىلىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغاندەك: «تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ؛ جاپالىق مەشىق قەھرىماننى يارىتىدۇ». مۇسابىقە مەيدانىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، شۈ خەيفېڭ ترېنېر بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1996-يىلىدىكى ئولىمپىك چىمپىيونى لى دۈيخۇڭ، 2000-يىلىدىكى ئولىمپىك چىمپىيونى تاۋلۇنا ئۇنىڭ شاگىرتى ئىدى. 2004-يىلى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ جۇڭگو قارىغا ئېتىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كوماندىنى باشلاپ بىراقلا تۆت ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. «كۈندىلىك خاتىرەمدە نۇرغۇن نەرسىلەر بار، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن چوقۇم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلۇمنى خاتىرىلەيمەن، مۇسابىقىدىن كېيىن خۇلاسەمنى يازىمەن»دېدى شۈ خەيفېڭ.

ئۇ سەپتىن چېكىنىپ قوشۇننى يېتەكلىگەندىمۇ بۇ ئادىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى. ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن 40 يىللىق مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: «40 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ مەزگىلدە دۆلەت تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشپ، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇشىغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىدى، كېيىن دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر تەرەققىي قىلدى، ئالتۇن مېداللارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر ئېلىمىز تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتىدىن تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى».

شۈ خەيفېڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، يەنىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، نۇرغۇن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نەق مەيدانلىرىدا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى. «مەن داۋاملىق تىرىشىپ، دۆلەتكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا بەل باغلىدىم» دېدى بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن شۈ خەيفېڭ.

تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز تارىخىدىكى تۇنجى ئولىمپىك چېمپىيونى شۈ خەيفېڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

«بۈگۈن مىلتىق بەكرەك تەۋرەندى، بۇنى ھېس قىلىپ تۇردۇم، ئاندىن تەپكىنى بېسىپ، بۇ خىل ھالەتنى ئوڭشىۋالدىم» بۇ، ئېلىمىز تارىخىدا تۇنجى ئولىمپىك چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن شۈ خەيفېڭنىڭ 1984-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى يازغان كۈندىلىك خاتىرىسى.