جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ئولىمپىك مەيدانىدا سالاپىتىنى نامايان قىلدى
2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىزغىن داۋاملاشماقتا. مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىدىن باشقا، ئېلىمىز ياسىغان تەنتەربىيە جابدۇقلىرى مۇسابىقە مەيدانىدىمۇ ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تىكتاك توپ گۇاڭدۇڭدىكى بىر تەنتەربىيە بۇيۇملىرى كارخانىسىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كارخانا 15 ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئىش تەرتىپىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، 100 توپ ئىچىدىن پەقەت لاياقەتلىك ئۈچتىن بەشكىچە توپنى تاللاپ چىقالايدۇ.
مۇخبىرنىڭ قولىدىكى بۇ تىكتاك توپ دەل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە توپى بولۇپ، ئۇنىڭغا ABS نىڭ ئەڭ يېڭى ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، كۆتۈرۈلۈش، چۈشۈش نۇقتىسى تېخىمۇ توغرا، كۆتۈرۈلۈش يولى تېخىمۇ مۇقىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇ تىكتاك توپ 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بېكىتكەن مۇسابىقە توپ بولۇپ، جەمئىي 35 مىڭدىن ئارتۇق تىكتاك توپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىغا يەتكۈزۈلگەن. ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە مەخسۇس 15 ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئىش تەرتىپىنى تەسىس قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 100 توپ ئىچىدىن پەقەت لاياقەتلىك ئۈچتىن بەشكىچە تىكتاك توپنى تاللاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن.
گۇاڭجۇدىكى مەلۇم تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى ياساش كارخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دۇ يىنخۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، تىكتاك توپنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئۆلچەيدۇ، چۈنكى تىكتاك توپ يۇمىلاق، ھەر بىر نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەكشىلىكىنى ئۆلچەش كېرەك. قاراڭ، تىكتاك توپنىڭ ئوتتۇرا سىزىقى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرماقتا، ئەگەر ئىككى تەرىپى تەكشى بولمىسا، تىكتاك توپ ئىككى تەرەپكە قاراپ يېيىلىدۇ. بۇ ئىككى تەرىپى ئادەتتىكى توپ قىلىنىدۇ، چۈنكى تىكتاك توپ ئۈچ يۇلتۇز، ئىككى يۇلتۇز، بىر يۇلتۇز دەپ ئايرىلىدۇ، ئۆلچەمگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى توپ بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز».
ئېغىرلىق مەركىزىدىن باشقا، تىكتاك توپنىڭ ئېغىرلىقىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئۆلچەم. تىكتاك توپنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىرلىقنى تاللاشمۇ ئىنتايىن قاتتىق ئۆلچەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دۇ يىنخۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرىدىكى تاللانغانلىرى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ، بۇ يەردە ئون مىڭ تىكتاك توپتىن بىرى تاللىنىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېغىرلىق ئېنىقلىقى 0.01 گىرام دائىرىدە بولۇشى كېرەك، خۇددى ئالتۇننى جىڭلىغانغا ئوخشاش، %1 گىرام بىلەن جىڭلايمىز، بىز مىڭدىن بىر ئۆلچەمدىكى تارازا بىلەن جىڭلايمىز، تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى».
كارخانا مەسئۇلىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېكسپورت زاكاز مىقدارى تېز ئاشقان، تىكتاك توپ پالىقى ۋە تىكتاك توپ ئۈستىلى قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ بازارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كېڭەيتىلىپ، بازار ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇۋېتىپتۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭدا ئىشلەنگەن تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، گۇاڭدۇڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ يىل چىڭيۈەن ۋە دۇڭگۈەندىكى ياساش كارخانىلىرىمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار تەنھەرىكەت ئايىغى، ۋالىبول قاتارلىق زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالدى.
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گۇاڭجۇ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا رايونىدىكى كارخانىلار 2 مىليارد 280 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلغان.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان