ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سۇغا سەكرەش ۋە تىكتاك توپ تۈرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-11 10:40

پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە تەتۈر سانىغاندا 2-مۇسابىقە كۈنىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتە ئالتۇن مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. ھازىر جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالتۇن مېدال سانى 39 غا يېتىپ، چېگرا سىرتىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئېرىشكەن ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدال رېكورتىنى ياراتتى. ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسى جۇڭگو ئۈچۈن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 300-ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى؛ سۇغا سەكرەش كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى؛ جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى قېتىم بەدىئىي گىمناستىكا تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى؛ جۇڭگو كوماندىسى فىگورا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش بويىچە قوش كىشىلىك تۈردە يەنە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى؛ ليۇ خۇەنخۇا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. ئەمدىلا ئاياغلاشقان ئاياللارنىڭ 75 كىلوگراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە لى چيەن بوكس تۈرىدە 3-ئالتۇن مېدال ئالدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سۇغا سەكرەش ۋە تىكتاك توپ تۈرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە تەتۈر سانىغاندا 2-مۇسابىقە كۈنىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتە ئالتۇن مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. ھازىر جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالتۇن مېدال سانى 39 غا يېتىپ،