جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى قېتىم تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى
مىلان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر كوللىكتىپ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ليۇ خەنبىن، ۋۇ يۈ، لى ۋېنخاۋ 3 مىنۇت 41 سېكونت 66 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن 3-بولۇپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. بۇ 2006-يىلى بۇ تۈردە تۇنجى قېتىم قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشى. ئەرلەرنىڭ كوللىكتىپ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مىلان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بويىچە يانتۇلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە سۇ يىمىڭ 8-بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلىدىكى مۇسابىقە مۇساپىسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇيۇقسىز تەڭشىلىپ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. سۇ يىمىڭ مۇسابىقە مۇساپىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مەشىققە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى يېڭىپ، ئىككى نۆۋەتتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









