ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇ ئەيلىڭ مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە ئاياللار سۇپىدىن سەكرەش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-18 08:44

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى مىلان-كورتىنا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 10-مۇسابىقە كۈنى. ئاياللارنىڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە سۇپىدىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى گۇ ئەيلىڭ 179 ئومۇمىي نومۇر بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن ئىككىنچى كۈمۈش مېدالى. يەنە بىر جۇڭگو ماھىرى ليۇ مېڭتىڭ 166 نومۇر بىلەن يەتتىنچى بولدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر مۇز چەينەك ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى تۆتكە قارشى 11 نەتىجە بىلەن ساھىپخان كوماندا ئىتالىيە كوماندىسىنى يەڭدى. ئاياللارنىڭ مىڭ مېتىرغا تېز تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ماھىرى گۇڭ لى بەشىنچى بولدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇ ئەيلىڭ مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە ئاياللار سۇپىدىن سەكرەش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى مىلان-كورتىنا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 10-مۇسابىقە كۈنى.