باش بەت>>مەدەنىيەت
2014-يىلى دۇنيادىكى تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى 10 شەھەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-21 16:41:38

 

جۇڭگو خەلقئارا رادىيوسى خەۋىرى، فوربېس خەنزۇچە تور بېكىتىدىن ئايان بولۇشىچە، مېركېر شىركىتىنىڭ 2014-يىلى دۇنيادىكى شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە، ئانگولانىڭ لۇاندا شەھىرى، چادنىڭ نجاما شەھىرى ۋە جۇڭگونىڭ شىياڭگاڭ شەھىرى ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. شاڭخەي، بېيجىڭ ۋە شىنجىنلارنىڭ تۇرمۇش تەننەرخى ئۆرلىگەن، بۇ ئۈچ شەھەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ تىزىملىكنىڭ ئونىنچى، ئون بىرىنچى ۋە 17-ئورنىدا تۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى رەتكە تۇرغۇزۇشتا دۇنيادىكى بەش قىتئەنىڭ 211 شەھىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتە نيۇيورك شەھىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ، قاتناش، يېمەكلىك، ئۆي سايمانلىرى، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق 200 نەچچە تۈرلۈك تۇرمۇش تەننەرخى نيۇيورك بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

1-ئورۇندا: ئانگولا، لۇاندا
2013-يىلى 1-ئورۇندا

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق