باش بەت>>مەدەنىيەت
قومۇل ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ تۇنجى تارماق دۇكىنى قار دۆۋە بازىرىدا قۇرۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-10 17:12:27

قومۇل ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ تۇنجى تارماق دۇكىنى ــ قاردۆۋە بازىرى دۇكىنىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنخۇا كىتابخانىسى قاردۆۋە بازىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقانلارغا كىتاب سېتىۋېلىش ئېتىبار كارتىسى تارقاتتى ھەمدە قاردۆۋە بازىرىدىكى ھەرقايسى كەنتلەرگە كىتاب سوۋغا قىلدى.

تۈگمەن بوي كەنتىدىكى دېھقان ئابلىز سەيدۇللا شىنخۇا كىتابخانىسى تارماق دۇكىنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ خوش بولغان ھالدا مۇنداق دېدى : ئىلگىرى بىزنىڭ بازاردا كىتابخانا يوق بولغاچقا كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس شەھەرگە باراتتۇق ، ھازىر بازىرىمىزدا كىتابخانا بار بولدى ، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق.

ئىگىلىشىمچە، بازارلىق ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ قاردۆۋە بازىرى تارماق دۇكىنىغا 130 كىۋادرات مېتىر كۆلەملىك دۇكان ئاجرىتىپ بەرگەن ، بۇ تارماق دۇكانغا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 4000 خىل 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب سېلىنغان.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق