باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
خەلقىمىزدە بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى
مەنبەسى:شىنجاڭ ئاكادىمىيە توررى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-22 11:51:27

خەلقىمىزدە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىنى ئەمدۈرۈشتىن باشقا، ئۇلارغا مۇۋاپىق يېمەكلىك بېرىلىدۇ. بۇ ئادەتتە بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇش دېيىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى ھېچقانداق دىنىي ئېتىقاد ئارىلاشمىغان، ساپ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتتۇر. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر قانداق كەنت، مەھەللىلەردە شۇ يەردىكى كىشىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان تۇغۇت ئانىسى بولىدۇ. بۇ تۇغۇت ئانىسى شۇ مەھەللىدىكى ئەڭ تەجرىبىلىك، گەپ سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكىتى چاققان، قولى يېنىك، ھەممە ئىشقا ئېپى بار ئاياللاردىن تاللىنىلىدۇ. ئۇلار تۇغۇت ئالدىدىكى ئانا ۋە بالىدا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش، ئالامەتلەرنى ئېنىق بىلەلەيدىغان، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا ۋە بالىنى قانداق پەرۋىش قىلىش، كۈتۈشنى بىلىدىغان، سالماق، تەمكىن بولۇشى كېرەك. ئايال مەيلى ئائىلىسىدە ئۆزى تۇغقان ياكى تۇغۇت ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ۋە ياكى دوختۇرخانىدا تۇغقان بولسۇن، بالا تۇغۇلغان ھامان ئاۋۋال بالىنىڭ ئېغىز، بۇرنىنى، بەدەنلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ، كىندىكىنى بوغۇپ، ئىسسىق كۆرپە بىلەن زاكىلىنىدۇ. ئاندىن بالا ئېمىتىلىدۇ ۋە كېيىن مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق