باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ توي مۇراسىمى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-10 12:45:07

توي قىلىش ئۆمۈرلۈك ئىش، شۇڭا ئىككى تەرەپ چوقۇم ياخشى ئويلىشىپ ئاندىن قارار چىقىرىشى كېرەك. بىرازىلىيەدىمۇ ئوخشاشلا تويغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇڭا توي خېتى ئېلىش ئالدىدىكى رەسمىيەتلەر ئىنتايىن چىڭ ھەم ئىنچىكە، بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ تويىنى چۈشەنگۈڭىز بارمۇ؟ قېنى بىرلىكتە بېرىپ بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كېلەيلى

برازىلىيىدە قىز-يىگىتلەر توي خېتى ئېلىشقا تىزىملاتماقچى بولسا، تويدىن ئاۋۋالقى ئىككى ھەپتىلىك تەربىيىگە قاتنىشىدۇ. ئۇلار بۇ جەرياندا تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشنى رەتكە چۈشۈرۈش، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش،ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پرىنسىپى، نىكاھ ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيىلىنىدۇ. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار ئاندىن توي خېتى ئېلىشقا تىزىملىتالايدۇ. گۇۋاھنامە ئالماي تۇرۇپ توي قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇش، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بەلكىم بۇ دۇنيادىكى توي خېتى ئېلىشتىكى ئەڭ چىڭ رەسمىيەت بولسا كېرەك. بىراق، برازىلىيىدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا نىكاھ ئەركىنلىكى بار. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىرازىلىيىكلەرنىڭ نىكاھ قارىشى ۋە مۇھەببەت قارىشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.《ئوڭاي تېپىشقانلار ئوڭاي ئايرىلىپ كەتمەيدۇ》دەيدىغان قاراش مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىز -يىگىتلەرنىڭ ئېتىقادىغا ئايلاندى. ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت مۇھەببەتلەشسىمۇ، توي قىلىش توغرۇلۇق ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالدى. توي قىلىش رەسمىيىتى ئۆتىمەي بىرگە تۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى تۈز سىزىق بويىچە ئاشماقتا، ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرۇپ، ئايرىلىپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. نىكاھسىز تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا، بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەيدا بولدى.

برازىلىيىلىك قىز-يىگىتلەر توي قىلىشتا نەسەپنىڭ بىر-بىرىگە لايىق كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشاش قاتلامدىكىلەرنىڭ توي قىلىش نىسبىتى يۇقىرى. قىزلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. بەزى ئائىلىلەر قىزلىرىنى ياخشى باشقۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، موناستىرغا ئاپىرىپ قۇيىدۇ،توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. برازىلىيىدە توي چىقىمى ۋە توي مۇراسىمىغا ئائىت بارلىق ئىشلارنى قىز تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. بەزى باي ئائىلىلەر قىز مېلىنى مول تەييارلىغاندىن سىرت، يەنە يېڭى ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ. يىگىتلەرنىڭ بېسىمى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس،ئۇلار پەقەت بىر جۈپ ئۈزۈك تەييارلاپ، چېركاۋغا بېرىپ نىكاھقا قاتناشسىلا بولىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپتە ياكى قىز تەرەپتە تۇرسىمۇ بولىدۇ. توي مۇراسىمى ئىنتايىن ئاددىي ئۆتكۈزۈلىدۇ، برازىلىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دېنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا،توي مۇراسىمى چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇراسىمغا پوپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.مۇراسىم باشلىنىشتىن ئاۋۋال قىز دادىسى ۋە باشقا ئەر تۇغقانلىرىنى قولتۇقلىغىنىچە،يىگىتنىڭ ئالدىغا ئاستا مېڭىپ كېلىدۇ.قىز-يىگىت بىر-بىرىگە ئۈزۈك تاقىشىدۇ، قىز يىگىتنىڭ ئوڭ بىلىكىدىن قولتۇقلىغىنىچە چېركاۋدىن چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ.

بىرازىلىيەدە قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولىدىغانلاردىن ئاجرىشىدىغانلار بەك ئاز. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئاجرىشىشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان بولسا، سوت ھۆكۈم چىقىرىپ 3يىلدىن كېيىن ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ئۈچ يىل ساقلىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە برازىلىيىدە ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىم ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، شۇڭا نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئەر ئايالغا تۇرمۇش ھەققى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇقۇش ھەققىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك. غەربىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بىراق برازىلىيىدە توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بىر نەچچە ئەۋلاد كىشى بىرگە تۇرىدۇ. ئاياللار ئائىلە باشلىقى بولىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا.ئەگەر شۇ ئائىلىدە ئائىلە باشلىقى بولغۇچى ئەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئوغلى ئائىلىنى باشقۇرىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئائىلىلەر ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ، زىددىيەت ئاز بولىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق