باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
ياپونىيەنىڭ بالىلار بايرىمى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-10 12:52:46

ياپونىيە: «ئوغۇللار بايرىمى» VS «قىزلار بايرىمى»
ياپونىيەدە دۆلەت دائىرىسىدە قانۇنلۇق دەم ئېلىش قىلىپ بىكىتىلگەن بالىلار بايرىمى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى بولۇپ، «بالىلار كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ. «بالىلار كۈنى» ئاساسلىقى «بالىلارنىڭ خاسلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بالىلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئانىلارغا مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ياپونىيەلىكلەر ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە 5-ئاينىڭ 5-كۈنىنى «ئوغۇللار بايرىمى» دەپ قارايدۇ، «قىزلار بايرىمى» بولسا 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى «ئوغۇللار بايرىمى» دا ياپونىيەدىكى يەتتە ياشتىن تۆۋەن (بەزى بىر قىسىم رايۇنلاردا 11 ياشتىن تۆۋەن) ئوغۇل بالىلار بار ئائىلە ئىككى خىل ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە ئوغۇللىرى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىشىدۇ، بىرىنچى خىلى بولسا ئائىلىدە «قاسراق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دۇبۇلغا-ساۋۇتلۇق قىلىچۋازنىڭ ھەيكىلىنى قويۇپ قويىدۇ ۋە قىلىچ، پىچاق قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوغلىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى، ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى تىلەيدۇ، بۇ «ئىچكى زىننەت» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى ھويلىدا ۋە ياكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا كارب بېلىقى بايرىقىنى ئېسىپ ئوغلىنىڭ ئاتاقلىق كىشى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ «تاشقى زىننەت» دەپ ئاتىلىدۇ. 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى «قىزلار بايرىمى» كۈنى گەرچە ياپونىيەدىكى قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنى ھىسابلانمىسىمۇ، بىراق قىزلىرى بار ئائىلىلەر ئائىلىسىدە بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆيلىرىگە تىنچلىق ۋاقتىدىكى ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگۈزۈلگەن قونچاقلارنى تىزىپ قويىدۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ھەمدە كېيىن ياخشى بىر ئائىلىگە ياتلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بەزى بىر قىسىم رايۇنلاردا كىشىلەر ھەيكەللەرنى دەريادا لەيلىتىش ئارقىلىق قىزلىرىنىڭ ياتلىق بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت تىنچلىق دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق