باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
گېرمانىيەدىكى بالىلاربايرىمى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-10 12:42:41

گېرمانىيەنىڭ بالىلار بايرىمى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شەرقى گىرمانىيە «دىمۇكىراتىك گىرمانىيە» دە 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزىلەتتى، يەنى «خەلقئارا بالىلار بايرىمى» دەپ ئاتىلاتتى. «غەربى گىرمانىيە» دە بولسا 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزىلەتتى ھەمدە «دۇنيا بالىلار بايرىمى» دەپ ئاتىلاتتى. شەرقى ۋە غەربى گىرمانىيەدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرمۇ ئوخشىمايتتى، شەرقى گىرمانىيەدە بالىلار بايرىمى 1950-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى بالىلارنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنى بولۇپ قالغان. يەنە بۇ كۈندە بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپلەردە دالا پائالىيىتى قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلەتتى. بىراق فىدىراتىپ گىرمانىيەدا بالىلار بايرىمىنىڭ ھىچقانداق بىر ئالاھىدە مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى يوق، ھەتتا خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنداق بىر بايرامنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، 1990-يىلى گىرمانىيەنىڭ بىرلىككە كىلىشىگە ئەگىشىپ، غەربى گىرمانىيە رايۇنىدىكى بالىلار بايرىمى كۈنى ۋە ئىسمى پۈتۈن گىرمانىيەدە ئورتاق ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، بىراق شەرقى گىرمانىيەدىكى كۆپ قىسىم رايۇنلاردا، كىشىلەر يەنىلا كونا ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق