باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىلەن ئېچىۋېتىلگەن پىسخىكا ئىنتايىن مۇھىم
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:21:53
 
                        ـ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا سۇڭجياڭنى زىيارەت

  لى خەن

   يېقىنقى بىرقانچە ئون يىلدا، تۇرپاندىن نۇرغۇن ۋەسىقە قېزىۋېلىندى، بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچە بولۇپ، توخرىچە، سوغدىچە قاتارلىق يېزىقلاردا يېزىلغانلىرىمۇ بار. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى تىل – يېزىقلار يوقىلىپ، ‹‹ئۆلگەن تىل – يېزىق››قا ئايلاندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ تۇرپان رايونىدا تارىختا 25 خىل تىل ۋە 18 خىل يېزىق ئىشلىتىلگەن. بۇنداق كۆپ تىل – يېزىقنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى قانداق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بىزگە قانداق ئەمەلىيەتتىن بېشارەت بېرىدۇ؟

  بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، 2013 – يىل 8 – نويابىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا سۇڭجياڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدىم.

 سوئال: بۇ تىل – يېزىقلار قانداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىلگەن؟ بۇنىڭدىن نېمىلەرنى بىلگىلى  بولىدۇ؟

 جاۋاب: كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتتىلا مۇشۇنچىۋالا كۆپ تىل – يېزىق ئىشلىتىلىدۇ. قېزىۋېلىنغان ۋەسىقىلەردىن قەدىمكى شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيىتىنىڭ روشەن خاسلىقى ۋە كونكرېت شەكلى ئومۇميۈزلۈك، بىۋاسىتە نامايان بولدى. تۇرپان شىنجاڭنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىن ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، ھەرمىللەت خەلق بۇ زېمىندا بىرلىكتە ياشاپ، بىر – بىرىگە تايىنىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولغان.

 تۇرپان رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى تارىختا ئىنتايىن مۇھىم ئىدى، بولۇپمۇ، خەن سۇلالىسىدىن كېيىن، يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان يىپەك يولىدىكى تۈگۈن رايونغا، تۆت چوڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىدىغان رايونغا ئايلانغان. 

 سوئال: شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق ئىجتىمائىي ھالەت تۈرتكە بولغان؟

 جاۋاب: كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى تارىختىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرنى يەكلىمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ۋەھالەنكى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئىلغار مەدەنىيەتنى دادىل قوبۇل قىلىش ئەنئەنىسىگە ئەزەلدىنلا ئىگە. بۇ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى يىپەك يولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يىپەك يولى مۇشۇنداق مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرگەن، بۇنداق مەدەنىيەت پىسخىكىسى ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت، باشقا مەدەنىيەتنى يەكلىمەيدىغان پىسخىكا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ شىنجاڭدا ئۇچرىشىپ ۋە بىر – بىرىگە سىڭىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ يارىتىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تېز گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

سوئال: ھازىر باشقا مەدەنىيەتنى يەكلىمەيدىغان پىسخىكا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ؟ 

 جاۋاب: بىرمىللەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلىمەسلىكى، ئىجادىي قوبۇل قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق روھىي ھالەتنى ساقلىغاندىلا، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىساد راۋاجلىنىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ۋە تېز تەرەققىيات دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈردى. بۇ، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى.

 شۇڭا، شىنجاڭ 21 – ئەسىردە راۋاجلىنىش ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىپ، ياخشى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۆگىنىدىغان، قوبۇل قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، يەكلىمەيدىغان پىسخىكىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، توختىماي ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش››تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى جان تومۇرنى چىڭ تۇتتى. بىز جەزمەن پەرققە ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، بىر – بىرىمىزدىن زوق ئېلىپ، كۆپ مەنبەلىك، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز سىڭىشىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق