باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە 2300 يىل بۇرۇنقى زىندان بايقالدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:29:27
 

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 22-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، تۈركىيە ئۇلۇيدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى ئىبراھىم ئىرخەيز قاتارلىقلار تۈركىيەنىڭ بۇرسا رايونىدا قەدىمىي شەھەر تاملىرىنى تازىلاش ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقاندا ، 2300 يىللار بۇرۇنقى زىنداننى بايقىغان ، زىنداننىڭ ئىچىدە قان قۇدۇقى ، جازالاش ئۆيى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۆيى قاتارلىقلار بار ئىكەن .

 خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ زىندان بىتىنىيا قەدىمىي خاندانلىقى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 274-يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 297-يىلىغىچە) مەزگىلىدە سېلىنغان ئىكەن. ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، ئەينى دەۋرلەردىكى جاللاتلىق ۋەزىپىسىنى گاس-گاچىلار زىممىسىگە ئالغان بولۇپ ، ئۇلار گۇناھكارلارنىڭ بېشىنى چېچىپ ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن ، قۇدۇق ئىچىگە تاشلىۋەتكەن، جەسەتنىڭ قالغان قىسىملىرىنى گۇناھكارنىڭ تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇپ بەرگەن . بەزى جاللاتلار جەسەتلەرنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ساتقان . بۇ زىندان ئەينى دەۋردىكى زىندانغا قامالغان گۇناھكارلار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2016-يىلى بۇ زىنداننى ئېچىۋېتىلگەن مۇزېي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ھەمدە جازا قوراللىرىنى كۆرگەزمە قىلىشنى پىلانلىغان . نۆۋەتتە ، قېزىش خىزمىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ . ئارخېئولوگىيە ئەترىتى زىندانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا سۈرەتلەرنى تېخى ئاشكارىلىمىغان .

 زىندان بايقالغان ئورۇننىڭ خەرىتىسى

زىنداندىن بىر كۆرۈنۈش

    زىنداننىڭ كارىدورى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق