باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۆرپ-ئادەت
ھەرقايسى دۆلەت توي مۇراسىملىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-20 11:56:01

بىر ئەسىردىن بۇيان «دۆلەت جۇغراپىيىسى» ژۇرنىلى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ توي مۇراسىملىرىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. مەيلى قويۇق ئەنئەنىۋى تۈس ئالغان توي مۇراسىمى ۋە ياكى زامانىۋى توي مۇراسىمى بولسۇن، بۇ توي مۇراسىملىرىدە ئۆرپ ئادەتنىڭ پۇرىقى قويۇق، ھەرقايسى دۆلەت توي مۇراسىمىدىكى قىزىقارلىقلارنى ئاڭلايلى

1. بېربېرلارنىڭ كېلىنچىكى

ماراكەشتىكى بېربېرلارنىڭ كېلىنچىكى ئېسىل كېيىنىپ، ئەنئەنىۋى كوللىكتىپ توي مۇراسىمىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. تويى بولغان كۈنى كېلىنچەك دەريا سۈيىدە يۇيۇنۇپ ئۆزىنى پاكلايدۇ.

2. توي مۇراسىمىدا ۋىنىتسىيەلىك بىر جۈپ ياش سۇمۇرۇغ كېمىسى بىلەن ۋېنىتسىيە بۈيۈك قانىلىغا بارىدۇ.

3. يەمەن پايتەختى سانادىكى توي مۇراسىمى

ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەر، خوشنا-خولۇملار سانا شەھىرىدە 21 ياشلىق يىگىتنىڭ تويىنى مۇبارەكلىمەكتە. بۇ دۆلەتتىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك كىرىمى 1.45 ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ، ئەمما توي چىقىمى بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ يەردىكى نۇرغۇن ياشلار بايلىقتىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئاساسىدا كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

4. نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى توي كىيىمى

غەززا شەھىرىگە يېقىن رايوندىكى يەمەنلىك يەھۇدىي كېلىنچەك توي مۇراسىمىدا نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى توي كىيىمىنى كىيدى.

5. پىيادە توي كۆچۈرگەن بىر جۈپلەر

چېخنىڭ يېزىسىدىكى يولدا بىر جۈپ ياش توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن قول تۇتۇشقىنىچە پىيادە ئۆيىگە قايتىشتى.

6. قازاقىستاندىكى توي مەرىكىسى زالىدا يۈزىنى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان كېلىنچەك

قازاقىستاندىكى توي مەرىكىسى زالىدا تۇرغان بۇ كېلىنچەك كۈيئۈغۇلنىڭ يۈزىنى ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا، بۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، كېلىنچەكنىڭ يۈزى ئېچىلغاندىن كېيىن توي رەسمىي باشلىنىدۇ! بۇ مەرىكە زالى قازاقىستان پايتەختى ئاستانەگە جايلاشقان بولۇپ، بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇن بۇ كېلىنچەك كەپتەر قويۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىككى كەپتەرنى قويۇپ بەردى، چۈنكى كەپتەرلەر ساپ، ئەركىن مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنىدۇ.

7. قىزى 10 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا تويغا تەييارلىق قىلىدىغان سانبۇرۇلۇقلار

ئەنئەنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سامبۇرۇ ئائىلىسىدىكىلەر قىزى 10 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنىڭ تويىنى قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەرگە بەخت، ئامەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئادەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان توي مۇراسىمى نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق