باش بەت>>مەدەنىيەت>>بايقاش
ئەنگلىيەدە بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى مەلىكىنىڭ قەبرىسى بايقالدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:10:44

  خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئالىملار 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېۋون ۋىلايىتىنىڭ دارتموۋ دېگەن يېرىدە بايقالغان قەدىمىي قەبرىدىكى جەسەتنىڭ تېخى 25 ياشقىمۇ كىرمىگەن ياش مەلىكە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قەدىمىي قەبرىدە زور مىقداردا قىممەت باھالىق نەرسىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار نوركا چاپان، ھالقا، زەنجىر، بىلەيزۈك، سېۋەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قەبرىنىڭ تارىخى 4000 يىلغا يېتىدىكەن. 

 بۇ قىممەت باھالىق نەرسىلەر مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردىكى مىس قوراللار دەۋردىكى مەلىكىنىڭ ياسىنىشىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى بايقاش يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

 زەنجىر، ھالقا قاتارلىق بۇيۇملار
 
 بىر مودېل مەلىكىنىڭ كىيىمىگە ئوخشاش كىيىملەرنى كىيدى

    قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ساقلايدىغان سېۋەت

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق