باش بەت>>مەدەنىيەت>>بايقاش
‹‹ئەتلەس توقۇش، بوياش ھۈنەر–سەنئىتى›› بېيجىڭدا كۆرگەزمە قىلىندى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:26:21
 
 مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسى، جۇڭگو يىپەك مۇزېيخانىسى ۋە دۆلەت كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگونىڭ خاتىرە تۈرى كۆرگەزمىسى يىپەك خاتىرىسى <جۇڭگو يىپەك توقۇمىچىلىق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى>›› 2013 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 2014 – يىلى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنىگىچە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەت دەرىجىلىك ‹‹ئەتلەس توقۇش، بوياش ھۈنەر – سەنئىتى›› بويىچە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى تەكلىپ بىلەن ئۈسكۈنىلەر ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، بېيجىڭدا كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتناشقان.
 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق دۆلەت كۇتۇپخانىسى ئەسلىمە تۈرى ‹‹يىپەك توقۇش›› مەخسۇس بايلىق ئامبىرى قۇرىدىكەن. بۇ بايلىق ئامبىرى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى يىپەك توقۇش تۈرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ۋارىسى، ۋەكىللىك ئەسىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىپەك توقۇش، بوياش ۋە كەشتىچىلىك ھۈنەر – سەنئىتى بىلەن غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدىكەن. بۇ بايلىق ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاممىغا يۈزلەنگەن، يىپەك توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئىتى تەشۋىق قىلىنىدىغان، يىپەك توقۇمىچىلىقىدىكى جەۋھەر بۇيۇملارغا ۋارىسلىق قىلىش كۆزنىكى بولۇپ قالىدىكەن.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق