باش بەت>>مەدەنىيەت>>بايقاش
كونا يەر–جاي ناملىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شەھەر ئىزنالىرى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-19 15:32:23

 مەي زى

‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر – جاي ناملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئۈرۈمچىنىڭ تارىخىي يەر – جاي ناملىرىنى قوغداش تۈزۈمىنى بېكىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تارىخىي يەر – جاي ناملىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، تارىخىي يەر – جاي ناملىرىنى قوغداش تىزىملىكىنى تۈزۈشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ‹‹چارە›› دىكى بىر يارقىن نۇقتا. رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەۋەلىك رايونىدىكى تارىخىي يەر – جاي ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ماتېرىياللارنى يىغىش، توپلاش، خاتىرىلەش ۋە ئىستاتىستىكىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تارىخىي يەر – جاي ناملىرى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

يەر – جاي ناملىرى كىشىلەر مەلۇم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بوشلۇق ئورنىدىكى تەبىئىي ياكى ئىتنوگرافىيەگە باغلىنىدىغان جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدىگە قويغان مەخسۇس نام. يەر – جاي ناملىرى قويۇلۇشى بىلەنلا ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى ۋە ئۆز سەلتەنىتى، ئۇرۇش، كېسەل، بالايىئاپەت ۋە ئازاب – ئوقۇبەتلەر، مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بىرلىشىشى، تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تارىخ، جۇغراپىيە، تىل، ئىقتىساد، مىللەت، جەمئىيەت قاتارلىق مول مىللىي، ئىلمىي مەزمۇنلار مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ بىر خىل ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى، ئىنسانلار تارىخىنىڭ ‹‹تىرىك قاتمىسى››.

ھەر بىر كونا يەر – جاي نامىنىڭ ئارقىسىدا بىردىن ھېكايە بار. ئۈرۈمچىگە قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن يەر – جاي ناملىرىدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ شەھەرنى بەرپا قىلىش جەريانىدا قالدۇرغان ئىزلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز: داشىزى (تۆت كوچا) چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ دەۋرىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىگە قۇرۇلغان، شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمالىي چوڭ كوچىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، كوچىنىڭ ‹‹十›› شەكلىگە ئاساسەن بۇ نام قويۇلغان؛ دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ئەسلىي ئورنىدا ئىلگىرى بىر كۆۋرۈك بار بولغاچقا، ‹‹دۆڭكۆۋرۈك›› دەپ ئاتالغان؛ ئۇيغۇرچە يېڭى گۈللىنىش دېگەن مەنىدىكى يېڭىئاۋات، ئەتىياز مەنىسىدىكى باھار يولى، موڭغۇلچە ئىلاھ مەنىسىدىكى چىڭگىدا، قىزىل قارىغا ئېتىش مەيدانى دېگەن مەنىدىكى ئۇلانباي قاتارلىق يەر – جاي ناملىرى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ زېمىننى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئاچقانلىقىنىڭ ئۆچمەس شاھىدى. بۇ يەر – جاي ناملىرىدىن شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ئۆز ئارا سىڭىشىپ ئورتاق مەۋجۇت بولغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. يەر – جاي ناملىرىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۈرۈمچىدىمۇ ناھايىتى مول.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق