باش بەت>>مەدەنىيەت>>بايقاش
مۆلچەر دەرياسى قىرغاقلىرىدىن بايقالغان قىيا تاش رەسىملىرى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-19 15:36:32

 

1985 – يىلى 4 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى خادىملار قۇرۇم ۋە ئالتۇن تاغ تىزمىلىرىدىكى مۆلچەر دەرياسى بويىدا قىيا تاشلارغا ئويۇلغان سۈرەتلەرنى بايقىدى. سۈرەتلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ، سانى كۆپ بولۇپ، قىيا تاشلارغا ئويۇلغان ، 20 – 80 مېتىرچە كېلىدىغان قىيپاش ئېگىزلىكتىكى چوڭ – كىچىك قارامتۇل تاشلاردا نەچچە مىڭ پارچە سۈرەت بار . بۇ قىياتاش سۈرەتلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى ،مەدەنىيىتى، گۈزەللىك قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن .

قىيا تاش سۈرەتلىرىدە ھايۋاناتلار سۈرەتلىرى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ ، تۆگە، كالا، قوتاز ، ئات، تاغ تېكىسى، ياۋا ئۆچكە، غۇلجا، ئارقار،كېيىك ، بۇغا، بۆكەن ،ئىت، تۈلكە ،يورغا ، يىلپىز ، يىلان قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتى بار . ھايۋاناتلار سۈرىتى ئىچىدە ئوتخور ھايۋانلار سۈرىتى كۆپرەك بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئۇسلۇبتا ئويۇلغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ يىل دەۋرىنىڭ قەدىمىيلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بەزى ھايۋاناتلار سۈرىتى كۆركەم ۋە ئوبرازلىق ئويۇلغان بولۇپ،خۇددى تىرىكتەكلا كۆرۈنىدۇ.

قىيا تاشلاردىكى سۈرەتلەر ئىچىدە ھەرخىل قىياپەتتىكى ئادەم سۈرەتلىرىمۇ بار ،بۇنىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان قىياپەتتىكى ئادەملەر ،ئۇسسۇلچىلار، ئوۋچىلار ، چوپانلار، قەبىلىلەر ئارا جەڭ تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەردە ئۆز دەۋرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دەسلەپكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ ئادەم سۈرەتلىرى ئاددىي شەكىلدە ئويۇلغان بولۇپ، پۇت – قولىنى كېرىپ تۇرغان، سەكرەۋاتقان، پۇتى بىلەن مەلۇم نەرسىنى تېپىۋاتقان قىياپەتلىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن ئوۋ غەنىيمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغاندا ئۆز خۇشاللىقىنى ھەر خىل ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن. قىيا تاش سۈرەتلىرىدە بۇنداق كۆرۈنۈشلەر كۆپ. سۈرەتلەر ئىچىدىكى يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلدا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن بىر ئۇسسۇلچىنىڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش بار .

قىيا تاش سۈرەتلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ،ئىپادىلەش شەكلى ۋە باشقا سەنئەت ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ يەنە باشقا سەنئەت نەمۇنىلىرىدىن تاش ھەيكەللەر ،مىڭئۆي تام سۈرەتلىرى ، قەدىمكى قەبرە ۋە خارابىلاردىن تېپىلغان ھايۋاناتلار نۇسخىسىدا مىس، ئالتۇن – كۈمۈشلەردىن ياسالغان بۇيۇملار،يۇڭ ۋە يىپەك توقۇلمىلارغا چۈشۈرۈلگەن ھايۋاناتلار سۈرەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق