باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
قۇمۇل كەشتىچىلىكى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-25 16:20:16
 
                                                                     يۇنۇس سادىق
  قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە. قۇمۇللۇقلارنىڭ ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا كەشىپ قىلغان كەشتىچىلىكىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر – كەسىپ سەنئىتىدىكى جەلپكار نۇقتا. كەشتىچىلىك خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش، گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە تەبىئەت، گۈل – گىياھلارنى ئاسراش ئادىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
 كەشتىچىلىكنىڭ ھەر بىر ھالقىسى ۋە ئەڭ كىچىك ئېلېمېنتلىرىمۇ رېئال تۇرمۇشنى مەنبە قىلغان بولۇپ، دەسلەپتە تەقلىدىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن. ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئىجاد قىلىنغان كەشتە نۇسخىلىرى تۇرمۇش ئېھتىياجى بويىچە رەڭ، شەكىل، گۈزەللىك، رىتىم، تەرتىپ بويىچە شۇ دەۋرنى ۋە شۇ دەۋر ئادەملىرىنىڭ روھىي ھالىتى، ھېسسىياتى ۋە ئېستېتىك ئېڭىنى ئىپادىلىگەن. قۇمۇلنىڭ يانبۇلاق مەدەنىيىتىگە تەۋە خارابە ۋە قەبرىستانلىقلاردىن تېپىلغان ماددىي بۇيۇملاردىن قارىغاندا، كۆن – خۇرۇم بۇيۇملار ۋە يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ياسىلىشى ۋە توقۇلۇشى تولىمۇ نەپىس بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ھەر خىل يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ توقۇلۇشى، رەڭلىنىشى، گۈل نۇسخىلىرى ۋە يىلنامىسىنىڭ بالدۇرلىقىدا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان، بۇنىڭدىن 3200 يىل بۇرۇنقى يۇڭ توقۇلمىلارغا ھەر خىل رەڭدىكى يۇڭ يىپلار بىلەن خىلمۇ خىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل، قوڭۇر ۋە قارا رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئىشلەنگەن يەنە بىر پارچە كەشتىنىڭ تېگى قىزىل، كەشتىسى سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭ – كىچىك كاتەكچىلەر، كەڭ – تار يوللۇق سىزىقچىلار ۋە ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك گۈل نۇسخىلىرى كۆركەم كەشتىلەنگەن. 
  قۇمۇل بوستانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىيىم – كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۆي ئىچى، ئات – ئۇلاغ، ھارۋا بېزەكلىرىنى ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەڭلىك يىپلار بىلەن ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرىنى چىقىرىپ كەشتىلىگەن. مەسىلەن: قۇمۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن چاپىنى، ياندىن تۈگمىلىنىدىغان قىسقا چاپانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يەڭ، ياقا، پەش – ئىتەكلىرىگە كەشتىلەنگەن گۈل نۇسخىلىرى ۋە ئۇلارغا تۇتۇلغان چىلتەكلەر كىيىم – كېچەكلەرنى تېخىمۇ شاھانە تۈسكە كىرگۈزگەن. ئەر – ئاياللارنىڭ دوپپا گۈل نۇسخىلىرى، بالىلارنىڭ تەقىي، پۈرمىلىرى، يۇمىلاق ۋە تۆت چاسا ياستۇق، ئىشىك – دېرىزە پەردىلىرىدىكى كەشتە ۋە گۈل نۇسخىلىرى، ئويۇق بېشى ئاسمىسى، لۆڭگە، قول ياغلىق، پوتا (بەلباغ)، بوۋاقلارنىڭ ئىشتان پايپاقلىرى قاتارلىقلاردىكى گۈل نۇسخىلىرى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ نۇسخىلىك ۋە كۆپ قاتلاملىققا ئىگە. 
  قۇمۇل كەشتىچىلىكىنىڭ ھەر بىر قاتلىمىنىڭ راۋاج تېپىشى، گۈل نۇسخىلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى رېئال تۇرمۇشنى مەنبە قىلغان بولۇپ، دەسلەپتە تەقلىدىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن. شۇڭا ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئىشلەنگەن كەشتىلەردىن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىي تەرەققىياتىنى خەلقىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى تۇرمۇش ئادىتىگە باغلاپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى زامانلاردا خەلقىمىز ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. شۇڭا ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تەبىئەتتىن روھىي ئوزۇق ئېلىپ، يايلاق ۋە سۇ قوغلۇشۇپ ياشىغان ۋە شۇ سەۋەبلىك تۇرمۇشىدىكى ھەر ئىشتا تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ سىماسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ھەم بۇنى كەشتە ئارقىلىق كىيىم – كېچەك، ئۆي بېساتلىرىدا ئەكس ئەتكەن. 
  خەلقىمىزنىڭ كەشتىلەنگەن بۇيۇملارنى ئىشلىتىشى ۋە كەشتىلەش ئۇسۇلى ھەر خىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى كەشتىلەردە نېلوپەر، مودەنگۈل، ئانارگۈل، شاپتۇل چېچىكى، ئەتىرگۈل، غۇنچە – چېچەك، سۇمۇرغ، توز، بۇلبۇل، كەپتەر، قۇشقاچ، قارلىغاچ ،كېپىنەك، ئانار، ئۈزۈم، ئەنجۈر، شاپتۇل، قوغۇن – تاۋۇز، قارىغاي، ئارچا، كاۋا، قاپاق، غانجۇغا، قۇياش، ئاي، گۈمبەز، مۇنار، لوڭقا، يۈرەك، ئوقيا قاتارلىقلارنى كۆپرەك كەشتىلىگەن. 
  ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى شۇ مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ھېسسىياتىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى بولۇپ، ئۇ، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ كەشتىچىلىك مەدەنىيىتى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقىنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق