باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
نان – ئالتۇن كان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-03 15:21:42

 

ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھەر قانداق شەيئى ۋە ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىدىمۇ، مېھماندارچىلىقتىمۇ، سەپەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيىتى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇقى نان بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
   20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇيان، ئارخېئولوگلار 3000 يىل ئىلگىرىكى قۇمۇل قارادۆۋە قەبرىستانلىقى، 2800 – يىل ئىلگىرىكى چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى، 2500 يىل ئىلگىرىكى پىچان سۇبېشى قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن نان پارچىلىرىنى تېپىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
   ناۋايلىق قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇزاق ئەسىرلەردىن بويان تارقاق، يەككە، كىچىك دائىرىلىك بولۇش ئەندىزىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. 2007 – يىلى ئابلاجان نانلىرى زەنجىرسىمان سېتىش چەكلىك شىركىتىنى ئۇيغۇر ناۋايلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈش ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەم، تۇرپان شەھىرىدىكى ‹‹ئىنئام›› ماركىلىق ناننى ئاساس قىلغان ‹‹گۈليار›› دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئۇيغۇر ناۋايچىلىقى تەرەقىياتىدىكى 2 – قەدەم دېيىشكە بولىدۇ. ئابلاجان ناۋايلىقنى كارخانىلاشتۇرۇپ، زەنجىرسىمان سېتىش يولىغا ئاساس سالغان بولسا، كېرەم لېتىپ ناۋايلىقنى كوپىراتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆلەملەشتۈرۈش يولىنى ئاچتى.
   ناننىڭ كۇچا نانلىرى، تۇرپان نانلىرى، توقسۇن نانلىرى، لوپنۇر توقىچى قاتارلىق تەبىئىي ماركىلىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر نانلىرى شەكلىگە قاراپ ئاق نان، گىردە نان، چوڭ نان، پوم نان، توقاچ، كاكچا، پېتىر توقاچ، ئۇششاق توقاچ، ئىشلەتكەن خۇرۇچىغا قاراپ سۈت نان، ماي نان، پىياز نان، كۈنجۈت نان، سىيادان نان قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنگەن.
   ئىلگىرى نۇرغۇن ئائىلىلەر ناننى ئۆزى ياقاتتى، شەھەرلىشىش، زامانىۋېلىشىشقا ئەگىشىپ تۇرمۇش رىتىمى تېزلەشكەچكە، كىشىلەر ناننى سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدى. ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشاش جەريانىدا، قېرىنداش مىللەتلەرمۇ نان يىيىشكە ئادەتلەندى، دېمەك ناننىڭ ئىستېمالچىلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى.
   ھازىر شىنجاڭ تارىخىدىكى يىمەك – ئىچمەك كەسپىگە ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلان ئاپتونوم رايوننىڭ (2011 – يىلىدىن 2015 – يىلغىچە) بولغان يېمەك – ئىچمەك كەسپىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. ‹‹يىرىك پىلان››دا شىنجاڭنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەك – ئىچمەكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ‹‹كۆلەملەشكەن يېمەك – ئىچمەك›› ۋە خاس ‹‹يېمەك – ئىچمەك›› ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، ئەنئەنىۋى يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. دەپ بەلگىلەندى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومومىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، مىللىي يىمەك – ئىچمەك شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىرى قىلىندى. 2011 – يىلىدىن باشلاپ يىلدا 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، يېمەك – ئىچمەك كەسپىگە ياردەم بېرىش بەلگىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي يېمەك – ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى. جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچىدىكى ‹‹ئەل رازى›› ،‹‹ئابلاجان نانلىرى››نىڭ يېقىلىش، سېتىلىش جەريانىنى نەق مەيداندا كۆردى ۋە نان مەھسۇلاتلىرىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي يىمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ ئومومىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. دېمەك شىنجاڭنىڭ مىللىي يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ناندىن باشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
   مانا مۇشۇنداق پايدىلىق، ئەۋزەل شارائىت ۋە مەدەت ئالدىدا، نان مەھسۇلاتلىرىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرگىلى، ناندىن ئىبارەت بۇ ‹‹تەبىئىي بايلىق››تىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ؟
   بىزدە ‹‹ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە›› دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. كوپىراتىپ ئۇقۇمى دەل ئۆملۈك، بىرلىك ئۇقۇمى بىلەن تەڭداش بولۇپ، بىرلەشكەندە كۈچلەنگىلى، كۈچلەنگەندە چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. دېمەك ‹‹گۈليار›› دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەجرىبىسى جايلارنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق