باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ياغاچ كومزەك
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:31:49
 

ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

كومزەك  ئەسلىدە ساپالدىن ياسىلىدىغان قاچا بولسىمۇ، بىراق ئەجدادلىرىمىز قەدىمقى دەۋرلەردە ئۇنى ياغاچتىن ياساپ ئىشلىتىشكىمۇ ماھىر بولغان. كومزەكنىڭ ئوتتۇراھال ۋە كىچىكلىرى كورىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇلارنىڭ ئېغىز ياپقۇچى بولىدۇ. ياغاچتىن ياسالغان كومزەكلەر قورساقلىق، بوغۇزى تار، ئاغزى كىچىك يەنى ئاستى – ئۈستى تار، قورساق قىسمى كەڭ بولىدۇ. كومزەكلەر ھەجمىگە قاراپ، تۈز تاپانلىق ۋە كەڭ تاپانلىق ياپقۇچلۇق كومزەك، تاق قۇلاقلىق ۋە قوش قۇلاقلىق ياپقۇچلۇق كومزەك، چوڭ ياپقۇچلۇق، ئارا ياپقۇچلۇق ۋە كىچىك ياپقۇچلۇق كومزەك دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

 كومزەكلەر ساپ، تەبىئىي ياغاچتىن ياسىلىدىغان بولغاچقا، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئىچىگە سېلىنغان يېمەك – ئىچمەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە دىيارىمىزدا يۈرگۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش – تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دىيارىمىزدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلار ياغاچتىن ھەر خىل كومزەكلەرنى ياساپ، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىغان.

مەلۇمكى، ياغاچ قاچا – قۇچا ياساش ھۈنەر – سەنئىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ماھارەت ۋە كامالەت تەلەپ قىلىدىغان، ئۇنىڭ ھەر بىر تۈرى ئىنچىكە، مۇرەككەپ ئىش ھالقىلىرىدىن ئۆتۈپ ئاندىن كۆركەم، نازۇك سەنئەتلىك شەكىلگە كىرىدىغان سەنئەت بۇيۇمى. شۇڭا ياغاچ كومزەكلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپلا قالماي، ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

 ياغاچ قاچا – قۇچا ياساش سەنئىتىدە ئەكس ئەتكەن بۇنداق گۈزەللىك، ئىستېتىك زوق بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلماقتا.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق