باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى توغرىسىدا يەنە ئىككى كەلىمە
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:52:17
 
                                                           ئابدۇرازاق
مەدەنىيەت تەرەققياتنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ئىلغار تۈزۈم، ئىلغار ئىدىيە ۋە پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. بىز تىلغا ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىلغار مەدەنىيەتكە مايىل مەدەنىيەت.
 ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتتىن ئۆزگەرگەن، بىر قەدەر بالدۇر ئولتۇراقلاشقان ھەم يېزا ئىگىلىكى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان مىللەت، ئۇلار يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا شىنجاڭنىڭ قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە بوستانلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ماددىي ئالماشتۇرۇش، ئېنېرگىيە ئۆزگەرتىشنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بوشاشماي تىرىشىپ، كارىز قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبتا تېرىقچىلىق، شىمالدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە شۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ياراتتى. بۇنىڭغا ماسلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇغداي، شال، شەرقىي شىنجاڭدىكى تۇرپان، پىچان، توقسۇندا ئاققوناق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشتىن ئىبارەت تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى. باغۋەنچىلىك جەھەتتە، تۇرپاندا ئۈزۈم، قۇمۇلدا قوغۇن، كورلىدا نەشپۈت، قەشقەردە ئانار، بادام ۋە ئەنجۈر، خوتەندە قەغەز ياڭاق ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت خاس باغۋەنچىلىك قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. چارۋىچىلىقتا، ئاساسلىقى مەكىت قويى، كۇچا قارا قويى، خوتەن كىچىك قۇيرۇقلۇق قويى قاتارلىق ئىسىل نەسىللىك چارۋىلارنى يېتىشتۈردى. سودا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى، مەسىلەن: ئاتۇش، قەشقەر، قاراقاشنىڭ سودا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىياتى دۇنياغا داڭلىق، خوتەننىڭ يىپەك توقۇمىچىلىقى ۋە گىلەمچىلىكى قەدىمدىلا گۈللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىمارچىلىقى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەسىلەن: قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ۋە كوزىچى يار بېشى، چەۋەنداز رېستورانى، قەيسەر رېستورانى، ئاتۇش ئىشتاچى مەسچىتى، ئۈرۈمچى ئاققوۋۇق خەلق تىياتىرخانىسى، ئەسلىدىكى شەھەرلىك خەلق بانكىسى، تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مىمارچىلىق سەنئىتى نامايان قىلىنغان، بۇ قۇرۇلۇشلار زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياخشى ئاساس سالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىسىل نەتىجىسى، شۇنداقلا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەشكىلىي قىسمىدۇر.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق