باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
يايلاقتىكى قىيا تاش رەسىملىرى
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 13:21:44
 
                                                            سۇڭ بەيخاڭ
 موڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ غەربىدە بىر قىياتاش رەسىملىرى بار، كىشىلەر ئۇنى ‹‹كوبېلىت قىيا تاش رەسىملىرى›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ قىياتاش رەسىملىرى تاغنى بويلاپ ئويۇلغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت ئىزناسىدۇر.
 قىياتاش رەسىملىرى تىك ياردىكى چوڭ تاشلارغا غەربتىن شىمالغا ئويۇلغان ، ھەر بىر ئورۇندىكى رەسىمنىڭ كۆرۈنۈشى ئوخشىمايدۇ. تىك يارنىڭ غەرب تەرىپىدىكى دەريا قىرغىقىدىن 80 مېتىر ئېگىزلىككە ئۇزۇنلۇقى 3.5 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان ساكيامونىنىڭ سول قولىدا بىر تال ھېجىرنى تۇتۇپ تۇرغان، ئوڭ قولىدا گۈل كۆتۈرۈپ ئولتۇرغان ھالەتتىكى ھەيكىلى ئويۇلغان. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قەدىمكى يېزىقلار ئويۇلغان بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا قوي، تاشپاقا، پاقا ۋە گۈل – گىياھلارنىڭ كۆرۈنۈشى، يەنە بىر ئورۇنغا نېلۇپەر گۈلىنىڭ كۆرۈنۈشى ئويۇلغان. شىمالىي قىرغاقتىكى چوڭ تاشقىمۇ قىيا تاش رەسىملىرى ئويۇلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۆچكىنىڭ كۆرۈنۈشى بار. قىياتاش رەسىملىرى ئىچىدە ئايال ئاتاماننىڭ ئەرنىڭ تازىمىنى قوبۇل قىلغان بىر پارچە رەسىمى بار بولۇپ، رەسىمدىكى ئايالنىڭ ئېگىزلىكى 51 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بېشىغا ئۇچلۇق قالپاق كىيگەن بولۇپ، ئىككى قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ تۇرغان، ئۇچىسىغا كاتەكلىك بېزەك كىيگەن، قەددىنى تۈز تۇتقان كۆرۈنۈشى بار.
 يىراق قەدىمكى زاماندىكى سەنئەتكارلار ئاياللارنىڭ رەسىمىنى شۇنداق ھەيۋەتلىك ۋە چوڭ ئويغان بولۇپ، بۇ دەل ئەينى ۋاقىتتىكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئاياللارنىڭ باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ پەقەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھەممىدىن ئەلا بولغان ۋاقىتتىلا مۇشۇنداق بولغان.
‹‹كوبېلىت قىيا تاش رەسىملىرى›› گە نەچچە مىڭ يىل بولغان بولسىمۇ، رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەر خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەر خىلۋەترەك بولغاچقا، قىيا تاش رەسىملىرى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئارخېئولوگلار ھازىرغىچە بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئويۇلغان يىل دەۋرىگە ھۆكۈم قىلالمىدى. بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئويۇلۇشى ناھايىتى نەپىس، شۇنداقلا ئادەم بىلەن نەرسىلەر بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىغەم ۋە ئەركىن، ئۆسۈملۈكلەرمۇ بۈك – باراقسان ئۆسكەن، ئەسۋابلار تولىمۇ نەپىس. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى قىيا تاش رەسىملىرى رېئال ۋە ھەقىقىي ئويۇلغان . قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يىراق قەدىمكى تۇتېمغا نەزەر سالغىنىمىزدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق