باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ياغاچ جام ياساش سەنئىتى
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 13:24:15
                                                           ئابلىز مۇھەممەت سايرامى
 جام كۇرۇشكىغا ئوخشاش تۇتقۇچى بار قاچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تېرەك، سۆگەت، ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. جام شەكىل جەھەتتىن ئاياققا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ گىرۋىكى بولمايدۇ. ئۇزۇنچاق، تىك ھالەتتە بولىدۇ. جام ياساشتا ھۆل ھالەتتىكى توم ياغاچ 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلىپ، ئوتتۇرىدىن يېرىلىپ، يېرىلغان يۈزى كەكە بىلەن تەكشىلىنىپ، بۇرجەكلىرى يونۇلۇپ، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىيدام كەكىدە ئىچى ئازراق ئويۇپ كاۋاك ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكۈر تىغلىق قىرغۇ ئەسۋابى بىلەن جامنىڭ ئىچى تىك ھالەتتە ئويىلىدۇ.
جام چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر خىل ھەجىم، بىر خىل شەكىلدە قىرىلىدۇ ۋە چىرايلىق نەقىش – گۈللەر چىقىرىلىپ، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇنى ياغلاپ، ھەل بېرىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن نەپىس بىر خىل سەنئەت بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ. يۇقىرى ھۈنەر – سەنئەت ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن ھەر خىل شەكىل – نۇسخا ۋە رەڭلەردىكى تۈرلۈك نەپىس جاملار بىر تەرەپتىن كۈندىلىك تۇرمۇشقا لازىملىق ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە تاۋار بۇيۇم ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېستېتىك قىممىتىگە ئىگە گۈزەل – سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. 
 تارىخ – ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىم – تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى ئىپتىدائىي بوستانلىق ۋادىلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا ياغاچتىن ھەر خىل جاملارنى ياساپ ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. 1979 – يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3800 – 4000 يىل بۇرۇنقى ياغاچ جام قېزىۋېلىندى. 1985 – يىلى پىچان ناھىيەسىدىكى سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئىككى دانە ياغاچ جام تېپىلدى. 1987 – يىلى توقسۇن ناھىيەسىدىكى بوستان قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئىككى دانە ياغاچ جام تېپىلدى. 1986 – ۋە 1987 – يىللىرى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى چۇمپاق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تەخمىنەن 2600 – 2950 – يىللار ئىلگىرىكى دەۋرگە تەۋە بولغان بىر دانە بىر قۇلاقلىق ياغاچ جام تېپىلدى. 1996 – يىلى چەرچەن ناھىيەسىدىكى زاغۇنلۇق 2 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىن ئۈچ دانە ياغاچ جام تېپىلدى. دىيارىمىزدا ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلاردا تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا، جام قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان يېمەك – ئىچمەك جابدۇقلىرى ئاساسەن قۇمۇل بوستانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى، لوپنۇر رايونى، تارىم ۋادىسى، قەشقەر ۋە خوتەن بوستانلىقىدىن ئىبارەت ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق جايلاردىن تېپىلغان. مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدىكى دەۋرلەردە، جام قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش، تارقىلىش دائىرىسى خېلى كېڭەيگەن ۋە ياغاچچىلىق، قىرمىچىلىق تېخنىكىسى مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق