باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ئەنئەنىۋى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئادىتىمىز
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-18 16:46:43
 
                                                         مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ. كۆرگەن، ئاڭلىغان ئۇسۇل بويىچە كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئائىلىلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ.
 تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قاچانلاردىن باشلانغانلىقى ھەققىدە يازما ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىغا قاراپ، ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىنسانلار ئوۋچىلىق دەۋرىدە ھايۋانلارنىڭ زەربىسىدىن دائىم يارىلىنىپ تۇرغان. يەنە كېلىپ ئۇلار ئۆزلىرى ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئۈستىباش قىلىشقان. شۇ جەرياندا تېرىنىڭ بىر قىسىم ئېغىر زەخىملەرگە شىپا قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە بارا – بارا ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەن. قايسى ھايۋان تېرىسىنىڭ قانداق كېسەلگە شىپاھ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.
  1 . قوي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاش. قوي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاشتا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. 1) تۇغۇتلۇق ئايالنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش. ئايال يەڭگىش جەريانىدا ئۇستىخانلىرى ئاجرايدۇ، زەخىملىنىدۇ. ئىششىق پەيدا بولىدۇ. تېرىنىڭ ئاجرىغان، زەخىملەنگەن ئۇستىخاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زەخىملەنگەن ئورۇنغا يىغىلىپ قالغان زەردابنى سۈمۈرۈش، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز تۇغۇتلۇق ئايالنى تېرىگە ئېلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كېلىشنى تېزلەتكەن. تۇغۇتلۇق ئايالنى تېرىگە ئېلىشتا ئايال يەڭگىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تېرىگە ئېلىنىدۇ. تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلى مۇنداق: بىر ياشتىن ئاشقان قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى تېز ئاجرىتىۋېلىپ تېرە يۈزىگە سېرىق چېچەك، كاۋاۋىچىن، بوزۇرغا قاتارلىق تەبىئىتى ئىسسىق دورا – دەرمەكلەرنى سېپىپ، تېرىنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۇستىخىنىغا يېپىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن تېرە ئېلىۋېتىلىدۇ. ئايال تېرىنىڭ ئىچىدە تۇرغان مەزگىلدە تەرلەيدۇ. تېرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى روھلۇق، يېنىك ھېس قىلىدۇ. پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. تېرىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، دورا – دەرمەكلەرنىڭ تەبىئىتى بىلەن بىرلىشىپ تېرىنىڭ ھارارىتى ئاشىدۇ. ئۇنىڭ كېسەلگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق.
 2) زەخىملەنگەن ئورۇننى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش. ئادەتتە كىشىلەر يېقىلىپ چۈشۈش، تاياق زەربىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلى بەدىنى ئېغىر زەخىملەنگەندە ئوخشاشلا قوي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەمما بۇنداقلارنى تېرىگە ئالغاندا تېرە يۈزىگە ھېچقانداق دورا – دەرمەك سېپىلمايدۇ. قىزىق تېرە ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، زەخىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئېغىر زەخىملەنگەن كىشىلەر ئائىلىلەردە دەرھال تېرىگە ئېلىنىپ، ئاندىن سىرتتىن دورا سۈركەپ تېڭىلسا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.
 3) سۇنۇقنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش. تۇرمۇشتىكى تاسادىپىيلىقلار تۈپەيلىدىن ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرى سۇنىدىغان ياكى سۆڭەك ئورنىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بەدەن تېز ئىششىيدۇ، كۆكىرىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلگەندە قوي ئۆلتۈرۈپ، ئىسسىق تېرىنى سۇنغان ياكى ئاجراپ كەتكەن جايغا يۆگەپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزسا ئىششىق يېنىپ كۆك يوقايدۇ. ئاندىن سۇنغان ياكى ئاجرىغان سۆڭەك جايىغا كەلتۈرۈلۈپ تېڭىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا سۇنۇق تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق