باش بەت>>مەدەنىيەت>>ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
شىنجاڭدىكى 10 تۈر 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-14 17:56:57

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى 10-ئۆكتەبىر جىنەن شەھىرىدە باشلاندى . شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەل ئىچى چالغۇلىرىنى ياساش ھۈنىرى ، قازاق مىللىتىنىڭ سۆڭەك نەققاشلىق ھۈنىرى ، شىبە مىللتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقياچىلىق ھۈنىرى قاتارلىق 10 تۈرنى تەشكىللەپ ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇردى . بۇ قېتىملىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگە قارىغاندا مەزمۇنى ئەڭ كۆپ ، تۈرى ئەڭ مول بولغان بىر قېتىملىق كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ .

ئىگىلىنىشىچە ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ‹‹ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى : بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ›› نى باش تېما قىلىپ ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ، بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋە قوغداش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ، ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرگەن . شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىمۇ بۇ باش تېمىنى چىڭ تۇتۇپ ، تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى ئاكتىپ نامايان قىلىپ ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلغان .

بۇ قېتىملىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نۇقتا شۇكى ، بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونلىرى بارلىققا كېلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە قۇرۇلۇش رايونى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى . ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى ، تاشقورغان تاجىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى ، كۈنەس قازاق مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى ۋە چاپچال شىبە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونىدىن ئىبارەت تۆت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى قۇرۇشنى پىلانلاپ ، ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ، مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونىنى ئىلمىي ، مۇۋاپىق قۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىپ ، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان تەجرىبە رايونلىرىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق