باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىككى نەپەر «قەشقەرى» تەخەللۇسلۇق ئەدىب
مەنبەسى:شىنجاڭ ئاكادىمىيە تورى |تەھرىر:پەزىلە ت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-10 08:14:46

                                                    ئاپتور: خۇا تاۋ 

      ـــ قوشۇمچە «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى»نى يېزىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇلاھىزە 

                                                                                  1   

قاراخانىيلار خانىدانلىقى غەربىي يۇرت تارىخىدىكى تۇنجى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرغان ئىسلام ھاكىمىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرى كېيىنكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. قاراخانىيلار خانىدانلىقى تارىخى جۇڭگو تارىخى، بولۇپمۇ شىنجاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. لېكىن، غەربىي يۇرت تارىخىدىكى بۇ مۇھىم خانىدانلىقنىڭ خاقان جەمەتى ئەينى چاغدىكى ۋەسىقىلەردە ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقىنى قەستەن كۆرسەتمىگەن. ھازىرقى زامان ئالىملىرى قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە كۆپ يىللاردىن بېرى مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئەمما، بۇ جەمەت ئۆزلىرىنىڭ ئافراسىياپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا جاكارلىغان بولسىمۇ، ھالبۇكى بۇ ئافراسىياپ قەدىمكى ئىران رىۋايەتلىرىدىكى پېرسۇناژ ئىدى. قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئالمائىي قەشقەرىنىڭ «تارىخى قەشقەرى» ناملىق ئەسىرىدە، قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ بۇ ئەجدادى ھەققىدىكى رىۋايەت خاتىرىلەنگەن.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ قوليازمىسىنى بىر كىتابپۇرۇش 1917- يىلدىن بۇرۇن ئىستانبۇلغا ساتقىلى ئېلىپ بارغاندا، تۈركىيىلىك بىر مەشھۇر كىتاب ساقلىغۇچى سېتىۋالغان، ئاندىن ئۇنى تەھرىرلەپ، نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەسىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.① مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن باغدادتا تۈزۈلگەن بۇ لۇغەت ئەرەب تىلى ئارقىلىق تۈركىي تىل ئىزاھلىنىدىغان لۇغەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىساد، تارىخ، ئۆرپ- ئادەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ ساندا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قاراخانىيلار خانىدانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى تېپىلغۇسىز مۇھىم تارىخ ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىپ مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلار خاقان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئۇنۋان ئىسىملىرى ھەققىدىكى سۆزلەملەردە، بۇلارنىڭ ئافراسىياپنىڭ ئەۋلادلىرىغىلا خاس ئۇنۋان ئىسىملىرى ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا ئىزاھلىغان. ئافراسىياپ رىۋايىتى تىلغا ئېلىنغان «تارىخى قەشقەرى» ناملىق يەنە بىر ئەسەر گەرچە يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خېلى كۆپ پارچىلىرى 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىتاب قىلىپ تۈزۈلگەن جامال قارشىنىڭ «سۇرراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسىرىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان مەزمۇنلىرىدىن، بىز قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شەخس سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئافراسىياپنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈمىز. كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئالمائىي قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەردە ياشىغان مەشھۇر شەخس بولۇپ، تەخمىنەن ھىجرىيە 476- يىلى (مىلادىيە 1083 ~ 1084- يىللىرى) قەشقەردە ۋاپات بولغان.② ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى 12- ئەسىردە ئۆتكەن سامانىينىڭ «نەسەبنامە» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن.

گەرچە قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ ئەجدادى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ③، لېكىن بىر سوئالغا، يەنى ئىككى نەپەر «قەشقەرى»④ تەخەللۇسلۇق ئەدىب ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولغان ئىككى جايدا ياشىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن كىتاب يازغاندا ھەر ئىككىلىسى ئافراسىياپ ھەققىدىكى رىۋايەتنى تىلغا ئېلىشىدۇ؟ دېگەن سوئالغا باشتىن- ئاخىر مۇۋاپىق جاۋاب بېرىلمەي كەلدى. يېقىندا مەن سامانىينىڭ «نەسەبنامە» ناملىق ئەسىرىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، «تارىخى قەشقەرى» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئالمائىي قەشقەرىنىڭمۇ باغداد قاتارلىق جايلارغا بارغانلىقىنى بايقىدىم.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق