باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل-دەرۋازىلىرى
مەنبەسى:شىنجاڭ ئاكادىمىيە تورى |تەھرىر:پەزىلە ت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-10 08:10:46

                                                   ئاپتور: قەمەرجان قابىل

قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە تۇتقان ئورنى ۋە نامى ھەرخىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەھەرنىڭ كۆلىمى، سېپىل دەرۋازىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نامىمۇ ھەر خىل بولۇپ كەلدى. قەشقەر شەھىرى بىنا بولغان 1000 نەچچە يىلدىن بۇيان، «كۈيبالىق»، «ئوردا كەنت»، «سۇلى»، «كاشىغەر»، «قەشقەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. شەھەر «ئىچكىرىدىكى شەھەر»، «تاشقىرىقى شەھەر»، «يۇمىلاق شەھەر»دىن ئىبارەت 3 بۆلەككە بۆلۈنگەنىدى.

قەشقەر شەھىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە تارىم ۋادىسىدىكى بۈيۈك كارۋان يولى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا تېرىقچىلىق، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇددىست ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر، دېھقانلار ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەر سۈيى ئەلۋەك، مۇداپىئەلىنىشكە ئەپلىك گۈزەل بوستانلىق بولۇپ، ئاۋات بازىرى بار قەدىمى ماكان ئىدى.

مىلادى 893- يىلى چاقماق دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانئۆينى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇتۇق بۇغراخان ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنىنى پايتەخت قىلىشقا تاللىغان ۋە بۇلاق بېشى دېگەن جاينىڭ جەنۇبىدىكى دۆڭلۈكتە ئوردا قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاينى مەركەز قىلىپ ئوردىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھازىرقى خام بازىرى (ئوردا ئالدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بەشئېرىق مەھەللىسى)نى، شەرقتە ئاۋراڭقاي مەھەللىسى، ھاكىم ئاغىچام كوچىسىنى، شىمالدا جاڭقورغان مەھەللىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 4-5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەر بىنا قىلغان. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوردا كەنت دەپ ئاتىغان. ئوردا كەنت دەپ ئاتالغان بۇ شەھەرنىڭ غەرب، شەرق، شىمال، جەنۇب تەرەپلىرىدىن 4 دەرۋازا ئېچىلغان، بۇ دەرۋازىلار ئوردا ئىشىكى، قاراقىر دەرۋازىسى، سۇ دەرۋازىسى ۋە توققۇز، ئاق دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. تۆۋەندە مەن دەرۋازا نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق